مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى خاتىرىلەيمىز

بۈگۈن 2021 – يىلى 11 – دېكابىر مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى خاتىرىلەش كۈنى

1746064
مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى خاتىرىلەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشكە سازاۋەر بولغان دىنىي رەھبىرى ۋە شائىرلىرىدىن مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى رەھمەت تىلەكلىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز.

ئۇنىڭ سۆزى بويىچە «ئۆلۈم كۈنى؛ سۆيگىنىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان كۈن» بولۇپ، ئۇ بۇ كۈندە يىغلاش ۋە ئازابلىنىشنى مەنئى قىلغان ئىدى. مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئانادولۇ ساماسىدا ياڭرىغان ئەقىل دۇردانىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە جاراڭلىق ياڭرىماقتا. ھەر يىلى 17 – دېكابىر كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەبى ئارۇز» مۇراسىملىرىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلىغان كىشى ئۇنىڭ «مەيلى كىم بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر يەنىلا كەل!» دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بەس – بەستە ئىشتىراك قىلماقتا. 

مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان پەلسەپەسى دۇنيايىمىزنى يورۇتۇپ كەلمەكتە. بىز مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمىز.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر