ھەجمى قۇم دانچىسىچىلىك كېلىدىغان ئۇچار ئۆزەكلەر

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 12

1735293
ھەجمى قۇم دانچىسىچىلىك كېلىدىغان ئۇچار ئۆزەكلەر

(گامزە دەمەچ سىبىچ)

ھازىرغىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ياساپ چىقىلغان قاناتلىق مىكرو ئۆزەكلەر ئارىسىدىكى ھەجمى ئەڭ كىچىك بولغان ۋە ھەر بىرى تەخمىنەن بىر قۇم دانچىسىچىلىك كېلىدىغان مىكرو ئۆزەكلەر، ھامان بىر كۈنى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ، ئېنىقلاپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئالىملار، مىكرو ئۆزەكلەرنى لايىھەلىگەندە شامال بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ  ئايرودىنامىكىسى (بوشلۇقتا ئۇچۇش قانۇنىيىتى) نى تەتقىق قىلدى ۋە بۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى.  بۇ لايىھە، ئۇچار ئۆزەكلەرنىڭ كەڭ بىر ساھەنى ئايلىنىپ چىقىشىدا، ھەمدە ھاۋانى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاۋادا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرالىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە.

ئىللىنوئىس ئىشتاتىدىكى Northwestern  (غەربىي شىمال) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېرىيال ئالىمى جون روجېرس ۋە ئۇنىڭ كەسپداشلىرى،  ئۇچار مىكرو ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا، ئۈچ ئۆلچەملىك بالىلار كىتابلىرىدىنمۇ ئىلھام ئالدى.

ئۇلار ئالدى بىلەن ئۈسكۈنىلەرنى تۈز ئاسما رەسىم قىلىپ شەكىللەندۈردى، ئاندىن سەل سوزۇلغان كرېمنىي كاۋچۇك ياپراقچىسىغا چاپلىدى، ياپراقچە يۇمشىغان چاغدا ئۈسكۈنىلەر پۈكۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ نازۇك قاناتلىرى ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىلگە كىردى.

ئالىملار يېقىن كەلگۈسىدە، ھاۋادىكى زەررىچىلەرنى بايقاش ئۈچۈن ئېلېكتىر ئېقىملىرى، سۇ سۈپىتىنى  كۆزىتىش ئۈچۈن سېنزورلار، قۇياش نۇرىنى ئۆلچەش ئۈچۈن نۇر تەكشۈرگۈچلەر، نۇردىن ئېنېرگىيە يىغىش ۋە ساقلاش  ئۈچۈن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە سىمسىز ئانتېننا قاتارلىق ھەرخىل ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى مىكرو ئۆزەكلەرگە بىرلەشتۈرەلەيدۇ.

مەنبەسى: تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى.

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر