بەرگاما قەدىمكى شەھىرى

بىلىۋېلىڭ - 10

1731479
بەرگاما قەدىمكى شەھىرى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ بەرگاما ناھىيەسىىنىڭ تارىختىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەردىن بىرىنىڭ پايتەختى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟

           ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ 130 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان بەرگاما ناھىيەسى، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەردىن بىرى بولغان بەرگاما پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ئىدى. 8  مىڭ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە بەرگاما، تارىختا ئون نەچچە مەدەنىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان.

تارىختكى ئىسمى «پەرگامون» بولغان بۇ قەدىمكى شەھەر، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي تىك بىر ئېگىزلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك شەھەر پىلانىغا ئاساسەن قۇرۇلۇپ، مۇھىم ئولتۇراق رايونغا ئايلانغان. 10 مىڭ كىشىلىك تىياتىرخانىغا، تىك يانتۇلۇققا جايلاشقان قۇرۇلمىغا ۋە دالا سەھنە بىناسىنىڭ دىئونيوس بۇتخانىسىغا بىناكارلىق جەھەتتىكى تۇتۇشىش ئالاھىدىلىكى ئىگە بەرگاما، ئەڭ داڭلىق قەدىمكى تىياتىرخانىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.  ھېلىنىستىك دەۋردە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ياسالغان  45 كىلومېتىر سۇ يولى، شۇ دەۋردىكى زور بىناكارلىق مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.

2014-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بەرگاما، تارىخ بويىچە ئىشغاللارغا ۋە ۋەيرانچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىغا جايلاشقان بولغاچقا، دائىمىي ئولتۇراق رايون سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ھېچقاچان غايىب بولۇپ كەتمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر