ئانتەپ باقلاۋاسى

بىلىۋېلىڭ - 7

1721343
ئانتەپ باقلاۋاسى
Gaziantep-baklava-1.jpg

(دىدەم گۈنەرى)

غازىئانتەپ باقلاۋاسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟

باقلاۋا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن  تاتلىق - تۇرۇم تۈرى بولۇپ، تۈركلەر ئانادولۇغا ئېلىپ كەلگەن بىر لەززتتۇر. ئۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسى ئاشخانىلىرىدا كۆپ خىللاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندە،  باقلاۋا  دېيىلگەن ھامان،  تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى غازىئانتەپ باقلاۋاسىدۇر. تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتىدىن ئوغلىغا، ئۇستازدىن شاگىرتقا ئۆگىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن غازىئانتەپ باقلاۋاسى، ئەنئەنىۋى تۈرك تائاملىرىغا ئائىت ئەڭ مۇھىم تاتلىق - تۇرۇم تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، 2013-يىلى غازىئانتەپ باقلاۋاسىنىڭ «قوغدىلىدىغان مەنبە ئىسمى» ۋە «قوغدىلىدىغان جۇغراپىيەلىك بەلگە» تىزىملىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەستىقلىدى. ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللىرى ۋە سۈپىتى بىلەن داڭلىق ماركىغا ئايلانغان غازىئانتەپ باقلاۋاسى، جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. غازىئانتەپ باقلاۋاسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر تىزىملىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى سۇيىئىستېمال ھەم تەقلىد قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تىزىمغا ئېلىنغان تۈرك تائاملىرىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولغان غازىئانتەپ باقلاۋاسى، پەقەت تۈرك تائاملىرىنىڭلا ئەمەس، ياۋروپا تائاملىرىنىڭمۇ مىسلىسىز بايلىقىدۇر ...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر