موزارت - مۇزىكا ئاڭلاش بىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلارمۇ؟

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 07

1719228
موزارت - مۇزىكا ئاڭلاش بىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلارمۇ؟

(گامزە دەمەچ سىبىچ) 

موزارت - مۇزىكا ئاڭلاش ئەقىل - پاراسەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ، «موزارت ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، موزارت ئاڭلاش راستىنلا ئەقىل - پاراسەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەمدۇ؟

مەلۇمكى، موزارت ئىنسانلارغا كۆپ جەھەتتىن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر، «موزارت پارچىلىرىنى ئاڭلاش ئەقىل - پاراسەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ»، دەپ قارايدۇ.

«موزارت ئېففېكتى»، 1993-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات، كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىن فىرانسىس ھ. رائۇسچېر ۋە خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن، موزارتنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. تەتقىقاتتا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولغان قاتناشقۇچىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. بىر گۇرۇپپا قاتناشقۇچى، موزارتنىڭ K.448 - نومۇرلۇق  سوناتاسلىرىنى 10 مىنۇت ئاڭلىغان، يەنە بىر گۇرۇپپا قاتناشقۇچى، يۈرەك سوقۇشىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئارام ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى كۆرسەتمىلەرنى ئاڭلىغان. كونترول گۇرۇپپىسى بولسا جىمجىت مۇھىتتا تۇرغان. تەتقىقاتتىن ئىلگىرى ۋە تەتقىقاتتىن كېيىن، قاتناشقۇچىلارنىڭ ماكان خاراكتېرلىك ئەقىل - پاراسەت سەۋىيەلىرى ئۆلچەلگەن. نەتىجىدە، پەقەت موزارتنىلا ئاڭلىغان گۇرۇپپىنىڭ ماكان خاراكتېرلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىل - پاراسەت سەۋيەسىنى ئۆلچەشتە 8-9 نومۇرلۇق ئېشىش كۆرۈلگەن. لېكىن، بۇ ئېشىشنىڭ دائىملىق ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ تەسىرى بىلەن جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان، ھەمدە «موزارت ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئەسلىدە، رائۇسچېر ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا پەقەت  36 ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىلا قاتناشقانىدى. گەرچە بوۋاقلار توغرىسىدا ھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى خەۋەرلەردە، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقلارغا موزارتنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق  بوۋاقلارنى تالانت ئىگىسى قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا،  بەزى دۆلەتلەردە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئائىلىلىرىگە موزارتنىڭ CD لىرى ھەدىيە قىلىناتتى. بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بولسا، ئوقۇغۇچىلار موزارتنىڭ پارچىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان ئالاھىدە ھۇجرىلار تەسىس قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق، موزارتنى ئاڭلىغان بوۋاقلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەقلىي سەۋىيەلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مەقسەت قىلىنىۋاتاتتى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ناھايىتى تېز تارقىلىغا ئەگىشىپ، «موزارت ئېففېكتى» نى نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كەتتى.

 مېڭە تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇزىكا چوڭ مېڭىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ مېڭە رايونلىرى ماكان خاراكتېرلىك تالانتلىرى جەريانىدىمۇ قوزغىلىدىكەن. مۇزىكا ئاڭلاش ياكى مۇزىكا مەشىقى جەريانىدا قايتا-قايتا قوزغىتىلىدىغان بۇ رايونلارنىڭ ھەجمى ئاشىدىكەن. بۇ ئارقىلىق، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن يېڭى ئۇلىنىشلار، چوڭ مېڭىدىكى ئورتاق قوزغىلىش رايونلىرى بىلەن ماكان خاراكتېرلىك تالانتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، مۇزىكا (بولۇپمۇ موزارت نوتىلىرىنى) ئاڭلاش، ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تېز يولى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، مۇزىكا ئاڭلاش ۋە مۇزىكا مەشىقىنىڭ چوڭ مېڭىمىزگە نۇرغۇن ئىجابىي تەسىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

ماكان خاراكتېرلىك ئەقىلگە، جىسىملارنى زېھنىي جەھەتتىن ئىتتىرىش، ئايلاندۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىشلەرنىڭ زېھنىي جەھەتتىكى ئىپادىسىنى يارىتىش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارى، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

مەنبەسى: تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر