غازىئانتەپتىكى يەسەمەك ئۈستى ئوچۇق مۇزېيى

بىلىۋېلىڭ - 6

1717972
غازىئانتەپتىكى يەسەمەك ئۈستى ئوچۇق مۇزېيى
Yesemek.jpg
yesemek açık hava müzesi.jpg
Yesemek.jpg
yesemek.jpg

(دىدەم گۈنەرى)

غازىئانتەپتە تەخمىنەن 3 مىڭ يىللار بۇرۇنقى  دەۋرگە ئائىت ھەيكەلتىراشلىق سېخىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان غازىئانتەپ ۋىلايىتىدىكى يەسەمەك ئۈستى ئوچۇق مۇزېيى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى، تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى ھىتىت ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئېچىلغان، يېقىن شەرقتىكى ئەڭ چوڭ تاش ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخى ئىدى. 1890-يىلى بايقالغان بۇ رايون، يېقىندا غازىئانتەپ مۇزېي ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلدى.

نەچچە يۈز پارچە سىزما رەسىملەر يەر ئاستىدىن چىقىرىلىپ، مەلۇم تەرتىپ بويىچە كۆرگەزمە قىلىنغان يەسەمەك ئۈستى ئوچۇق مۇزېيدا، سىزما رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىشىك شىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. تونلارچە ئېغىرلىقتىكى 518 ھەيكەل كۆرگەزمە قىلىنغان ئۈستى ئوچۇق مۇزېيدا، ئادەم باشلىق شىرلار، ئىشىك شىرلىرى، ئولتۇرۇۋاتقان شىرلار، قاناتلىق شىرلار، تاغ تەڭرىسى قاپارتمىلىرى، جەڭ مەيدانلىرى ۋە بىناكارلىق ئاسارەئەتىقەلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان يەسەمەك  ئۈستى ئوچۇق مۇزېيى ۋە ھەيكەلتىراشلىق سېخىنى، 2021-يىلىمۇ «كوۋىد 19» يۇقۇمىغا قارىماي، تەخمىنەن 15 مىڭ ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر