بۇرسانىڭ تارىخىي ئۈستى يېپىق بازارلىرى

بىلىۋېلىڭ - 04

1711520
بۇرسانىڭ تارىخىي ئۈستى يېپىق بازارلىرى
Koza-Han-1.jpg
Bursa-2 Koza han.jpg
Kozahan5.jpg
Kozahan4.jpg
Kozahan2.jpg
Kozahan 10.jpg
Kozahan9.jpg
Kozahan8.jpg

دىدەم گۈنەرى

بۇرسادا نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ئۈستى يېپىق بازارلارنىڭ ھازىرمۇ مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى پايتەختى بولغان بۇرسادا، 14-ئەسىردە بىر سودا رايونى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. 16-ئەسىرگە كەلگەندە، شەھەردە كۆپ ساندا ئۆتەڭلەر ۋە ئۈستى يېپىق بازارلار قۇرۇلىدۇ.

بۇرسادىكى ئۇدا 700 يىلدىن بۇيان «سودا تىجارەت مەركىزى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تارىخىي ئۈستى يېپىق بازار ۋە ئۆتەڭلەر رايونى، بۇ شەھەرنىڭ زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جايلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

30 غا يېقىن ئۆتەڭ ۋە ئۈستى يېپىق بازار ئىچىدە، ئەڭ داڭلىقلاردىن بىرى، بۇرسا شەھىرىنىڭ كۆز نۇرى، دۇنياغا داڭلىق يادىكارلىق «كوزا ئۆتىڭى» دۇر. كوزا ئۆتىڭى بىناسى، تىك تۆت بۇلۇڭلۇق ھويلىنىڭ ئەتراپىدا، ئىككى قەۋەت ۋە 95 ھۇجرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

تارىخىي يىپەك يولى سودا لىنىيەسىنىڭ ئاسىيادىكى ئاخىرقى بېكىتى بولغان كوزا ئۆتىڭى، «يىپەكچىلەر بازىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇرسادىكى يىپەك ۋە پىلە قۇرتى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان كوزا ئۆتىڭىنىڭ ھويلىسىدا، سودىگەرلەر 70-يىللارغىچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلاتتىكەن، كەنتتىكىلەرمۇ خالتىلاپ ئەكەلگەن پىلە قۇرتلىرىنى سېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بازار، ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھەر خىل يىپەك مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدىغان دۇكانلار سايىسىدا، سودا - تىجارەت ھاياتىي كۈچىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر