قىزىل ئىرماق دەرياسى بويىدىكى مەدەنىيەتلەر

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر...

1703174
قىزىل ئىرماق دەرياسى بويىدىكى مەدەنىيەتلەر

ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر دەريا ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ قارا دېڭىز رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەرگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ،  ئۇنىڭ ناھايىتى كەڭ رايونغا يېيىلغان ئويمانلىقى مىڭلارچە جانلىققا ساھىبخانلىق قىلىدۇ، بۇ دەريا تۈركىيە زېمىنلىرىدا باشلىنىپ يەنە تۈركىيە زېمىنلىرىدا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى بولغان قىزىل ئىرماقتۇر. قىزىل ئىرماق پەقەت بۈگۈنكى كۈندىلا ئەمەس، تارىخىي مۇساپە ئىچىدىمۇ ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەريالارنىڭ بىرى بولىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە كىچىك ئاسىيانىڭ چېگرىسى قىزىل ئىرماقنى ئاساس قىلىپ سىزىلاتتى. ئانادولۇ زېمىنلىرىدا نۇرغۇن خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان، قانچىلىغان مەدەنىيەتلەر گۈللەنگەنىدى. قىزىل ئىرماق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلار بۇ رايوننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەلقلىرى ئىدى. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي قۇرۇلمىسى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئىز قالدۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان ھىتىتلارمۇ بۇ مۇھىم ئويمانلىققا ئورۇنلاشقانىدى.

 ھىتىتلار يېڭىلىقلارنى، تۇنجىلارنى ياراتقان مەدەنىيەت. «كادەش تىنچلىق شەرتنامىسى»دىن ئىبارەت تۇنجى يازما شەرتنامە ھىتىتلار بىلەن مىسىرلىقلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەنىدى. ئانادولۇدا تۇنجى بولۇپ ئاتلارنى كۆندۈرگەنلەرمۇ، ئىككى چاقلىق ھارۋىلارنى كەشىپ قىلغانلارمۇ ئۇلار ئىدى. ئانادولۇ جۇغراپىيىسىدە تۇنجى قېتىم تەشكىللىك دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە كۈچلۈك مەركىزى ئورگان تەسىس قىلغانلارمۇ ھىتىتلار ئىدى. زامانىمىزدىكى «پارلامېنتلىق خانلىق تۈزۈمى» نىڭ ئۇلىنى ئۇلار قويغانىدى.

ھىتىتلار پەقەت مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساپاسى بىلەنلا ئەمەس، شەھەر باشقۇرۇش ۋە بىناكارلىق ساھەسىدىكى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى بىلەنمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىققانىدى. ئۇلار يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ جايلاردىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلىق، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى شەھەرلەرنى قۇرغانىدى.

ئەلۋەتتە، بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۈگۈن بىز ھىتىتلارنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن، شۇنداقلا رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئانادولۇنىڭ بىردىنبىر، دۇنيانىڭ بىر قانچە توسمىسىنىڭ بىرى بولغان ھىتىت گۆلپىنار توسمىسى (سۇ ئامبىرى) ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

* * * * *

ھىتىتلار «مىڭ ئىلاھلىق كىشىلەر» دەپمۇ  ئاتىلىدۇ. ئەمما، بۇ ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا سۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ھىتىتلار تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن شەھەرلىرىنى، بولۇپمۇ بۇتخانىلىرىنى سۇ بويلىرىغا سالاتتى، شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ قىزىل ئىرماقنىڭ سۈيى بىلەن گۈللەپ ياشنىغان يەرلەرگە ئورۇنلىشىشىنى بىر تاسادىپىيلىق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇلاقلار، ئېقىنلار، كۆللەر، دېڭىزلار، قىسقىسى، يەر يۈزىدىكى بارلىق سۇلار مۇقەددەستۇر... ھىتىتلار توسمىلار، سۇ كۆلچەكلىرى، ئابىدىۋى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئانادولۇنىڭ تۇنجى سۇ قۇرۇلمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئۇلار تازىلىق ۋە پاكلىنىشنى سۇ ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، بۇتخانىلىرىنىڭ يانلىرىغا مۇقەددەس كۆلچەكلەرنى سالىدۇ. چۈنكى ھىتىتلارنىڭ نەزىرىدە ئىلاھلارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تازىلىنىش پەقەت سۇ بىلەنلا مۇمكىن ئىدى. بۇتخانىلاردا يۇيۇنۇش ۋە تازىلىق قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئۆيلەر بار بولۇپ، ئىچىدە ھازىرقى يويۇنۇش داسلىرىغا ئوخشايدىغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. ھىتىتلار بۇ كۆلچەكلەرگە بىر نۇقتىدىن سۇ بېرىش ئارقىلىق تۇنجى تۇرۇبا سىستېمىسىنى لايىھەلەپ چىققانىدى.

* * * * *

ھىتىتلار ئولتۇراقلاشقان جۇغراپىيەدە كىلىمات سوغۇق، سۇغىرىش مۇمكىن بولمىغاچقا، تۇپراق مۇنبەت ئەمەس ئىدى. كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مىخ يېزىقلىق تاختايلاردا نۇرغۇن يامغۇر دۇئالىرىنىڭ بولۇشى ۋە قۇرغاقچىلىق مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشى، بىزگە بۇ مەدەنىيەتنىڭ سۇ مەسىلىسىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھىتىتلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايون ۋە كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى، قۇرغاقچىلىق دەۋرى ۋە قۇرغاقچىلىقتىن كېيىنكى ئاچارچىلىق ئاپىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يامغۇرنى ۋە سۈنئىي سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان بىر سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار يەنە يەرلىرىنى سۇغىرىش، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە كەلكۈن ئاپىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن توسمىلار، كۆلچەكلەر، قۇدۇقلار، ئۆستەڭلەر ۋە سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدى.

بۇ توسمىلارنىڭ بىرى ئانادولۇدىكى تۇنجى توسمىلارنىڭ بىرىدۇر. ئالاجاھۆيۈكتىكى گۆلپىنار ھىتىت توسمىسى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئانادولۇنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ بۈگۈنگە قەدەر رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان تۇنجى توسمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توسمىنىڭ ئانادولۇدىكى چوڭ قۇرغاقچىلىقتىن كېيىن ھىتىت پادىشاھلىرى تەرىپىدىن ياسالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ئالاجاھۆيۈك ھىتىتلاردىن ئىلگىرى بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان خاتتىيان دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرى بىرى بولۇپ، ئۇ ھىتىتلار دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ ۋە مىخ يېزىقلىق تاختايلاردا بۇلاق ۋە سۇ مەنبەلىرى بىلەن داڭلىق بىر شەھەر دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ قۇرغاق شەھەر سۇ قۇرۇلۇشلىرى سايىسىدا ھىتىتلارنىڭ دەۋرىدە «بۇلاق شەھىرى» دېگەن مەنىدە ئارىننا، دەپ ئاتىلىدۇ. ئالاجاھۆيۈكتىكى ھىتىت توسمىسى تاشلارنى ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، ھازىرقى دەۋر توسمىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئارتۇق سۇنى چىقىرىۋېتىش سىستېمىلىرىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ توسمىدا بىرىكتۈرۈلگەن سۇلارنىڭ دېھقانچىلىق، ئىچىملىك ​​سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە دىنىي مەقسەتتە ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىۋاتقان بۇ توسما، «دۇنيانىڭ ھازىرمۇ  رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئەڭ قەدىمكى توسمىسى» دېگەن نامغا ئىگە! قېزىش  تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى سايىسىدا بايقالغان بۇ توسما، يېڭىلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى. بۇنىڭغا ئىشىنىش تەس، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئالاجاھويۈكتىكى دېھقانلار نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي توسمىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئېتىزلىرىنى سۇغىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

* * * * *

ھىتىتلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان باشقا شەھەرلەردىمۇ توسمىلارنى ياسايدۇ. ئۇلار سۇ ئېھتىياجى ۋە يەر يۈزى شەكلىنى ئويلىشىدىغان بولغاچقا، ياسىغان توسمىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تۈزلەڭلىكلەردىكىلىرىنى كۆلچەكلەر، تۆپىلىكلەردىكىلىرىنى قاشالاش، توغانلاش شەكلىدە ياسايدۇ. قەيسەرى، كونيا، سىۋاس ۋە چورۇمدىكى توسمىلارغا نەزەر سېلىنغىنىدا، ئۇلارنىڭ بۇ مەدەنىيەت ياشىغان دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا ماتېماتىكا ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتە خېلىلا ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھىتىتلار توسمىلارنى ياساش بىلەنلا قالماي، قىيالىقلارنى ئويۇپ ياسىغان تاش كۆلچەكلەر سايىسىدا يامغۇر سۈيىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ساقلاش ئۈچۈن باك ۋە كۆلچەكلەرنى ياسايدۇ. بۇ سۇلارنى پىشۇرۇلغان سېغىز تۇرۇببىلار ئارقىلىق ئۆيلەرگىچە يەتكۈزىدۇ. ھىتىتلار بۇ يەرلەردىكى تۇنجى ئابىدە خاراكتېرلىك سۇ قۇرۇلمىلىرىنى تەسىس قىلغانلار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دەۋرنىڭ ئەسلىھەلىرى بىلەن ناھايىتى چوڭ ۋە ئېغىر تاش توسۇقلارنى رەتلىك كېسىپ قۇراشتۇرىدۇ. ئېسىل تاش قۇرۇلۇشلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆرگەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ھىتىتلار نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا سۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.  ئۇلار يەنە سۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قۇرۇلما ۋە قۇرۇلۇشلارنى يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم تازىلاپ، ناپاك نەرسىلەردىن قوغدايدۇ، شۇنداقلا سۇغىرىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى جازالاش قاتارلىق قائىدە – تۈزۈملەرنى يولغا قويىدۇ. ئۇلار سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، ئانادولۇنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدىكى بىلىم بىرىكمىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

* * * * *

ھىتىتلار دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەپسانىلىرى، تىلى، دىنى، سىياسىتى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. بىز يەنىلا ئىنسانلارنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۆلچەم بېكىتكەن، سۇغا ئۇنىڭغا لايىق ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن ئانادولۇنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى  ھىتىتلاردىن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر