سترابو ۋە جۇغراپىيە

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1703145
سترابو ۋە جۇغراپىيە

زامان (ۋاقىت) ۋە ماكان ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بىرى بولماي تۇرۇپ، يەنە بىرىگە ئېنىقلىما بېرىش قانچىلىك مۇمكىن؟ ئۇلار قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇمدەك كۆرۈنسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە زامان بىلەن ماكان بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ھەتتا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئۇقۇملار، دەپ قارىلىدۇ. ئالەم بوشلۇقى ۋە زامان توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان ماتېماتىكا ئالىمى مىنكوۋىسكىي: «ماكان ۋە زامان ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، سايىلارغا ئوخشاشلا غايىب بولۇشقا مەھكۇمدۇر» دەيدۇ. يەنە بۇ ھەقتە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان تارىخچى ۋە بىناكار گىدىئون، زامان (ۋاقىت)نىڭ ماكاننىڭ تۆتىنچى ھەجىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تارىخ ئىلمىمۇ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە بۇ ئىككى ئۇقۇمنى چۆرىدەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋاقىتتىن مۇستەسنا ھالدا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەسۋىرلەش ياكى ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ماكان (جاي) دىن مۇستەسنا ھالدا بىر زامان ياكى دەۋر ھەققىدە توختىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىلمىيلىككە ماس كەلمەيدۇ. بۈگۈنكى جۇغراپىيە ئىلمىمۇ بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ «ماكان» سۆزىگە ئىنسانلار مەۋجۇت بولغان ۋە ياشايدىغان ساھە، دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر پۈتۈن جۇغراپىيە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.

* * * * *

جۇغراپىيە سۆزى قەدىمكى يۇنان تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، «دۇنيا» ۋە «سىزىش» ياكى «تەسۋىرلەش» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ سۆزنى پەيلاسوپ ئېراتوستېن تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەنىدى. يەر شارىنىڭ ئەتراپىنى ۋە قۇياشنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىنتايىن يېقىن ھېسابلاپ چىققان، كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇققا ئاساسەن كوئوردېنات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئېراتوستېن، ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ۋە جۇغراپىيە ھەققىدىكى تەقتىقاتلىرىنى «جۇغراپىيە» ناملىق كىتابىغا توپلىغانىدى. شۇنداق، كېيىنكى دەۋرلەردە ئىلىم-پەننىڭ بىر تارمىقى بولىدىغان جۇغراپىيە، نامىنى بۇ كىتابتىن ئالىدۇ. گەرچە ئېراتوستېن جۇغراپىيەنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېمىنى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن تەتقىق قىلغانلارمۇ بار. بەزى پەيلاسوپلار كېلىمات بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى دېڭىز، كۆل، ئېقىن، كەلكۈن ۋە ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇپىراشلارنى؛ بەزىلىرى ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى، ئۆزگىرىشلىرىنى، يانار تاغلارنى تەتقىق قىلغانىدى... ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۇنيانى ئەقلىي ئاساسلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى. قىسقىسى، ھىرودوت، تالېس، ئارىستوتىل، سترابو ۋە پتولومې جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىخنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان ھىرودوت ئاقدېڭىز، كىچىك ئاسىيا، يەنى ئانادولۇ قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ماكېدونىيەدىن مىسىرغىچە، ھەتتا ھىندىستانغىچە بولغان مۇشەققەتلىك جۇغراپىيەنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق نەزەرىيەسى بىلەن تونۇلغان تالېس، دۇنيانىڭ شەكلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق جۇغراپىيە ئىلمىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئارىستوتىلنىڭ قارىشىچە، ئالدى بىلەن «ئورۇن» مەۋجۇت بولۇپ، جۇغراپىيەنىڭ ماھىيىتىنى «قەيەردە» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن  جاۋاب تەشكىل قىلىدۇ. بىراق، «قەدىمكى دەۋر ۋە جۇغراپىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ سترابو ۋە پتولومې كېلىدۇ.

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سترابو ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز. نېمىشقا سترابو؟! چۈنكى ئاماسيالىق سترابو ئانادولۇنىڭ تۇنجى ۋە قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ داڭلىق جۇغراپىيەشۇناسى.

* * * * *

سترابو ئانادولۇنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاماسيادا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامەسيادا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىدىن سەل بۇرۇن، يەنى رىم ئىمپېرىيەسى ئانادولۇدا كېڭىيىشكە باشلىغان دەۋرگە شاھىت بولىدۇ. ئۇ كۆرۈش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئائىلىسىدىكىلەر تەمىنلىگەن پۇرسەت بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ؛ قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلىم مەركىزى بولغان رىم ۋە مىسىردا ياخشى تەربىيە ئالىدۇ. ئىمپېرىيە تارقالغان كەڭ جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ساياھەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ زىيارەت قىلغان جايلار ھەققىدە يازغان 17 توملۇق «جېئوگرافىكا» ياكى «جۇغراپىيە»، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەسەر پەقەت بىر جۇغراپىيە كىتابىلا ئەمەس، چۈنكى سترابو كىتابىدا بايان قىلغان جۇغراپىيەلەرنى ئۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قەلەمگە ئالىدۇ. «جۇغراپىيە» جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ئۆلچىمىدىكى ئېنسىكلوپېدىك ئەسەر بولۇپ، ئۇ يەنە تارىخى ۋەقەلەر، كۆچۈش ھادىسىلىرى، قايسى مىللەتنىڭ قەيەرگە ئولتۇراقلاشقانلىقى ۋە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سترابو ئالەمنىڭ مەركىزىنىڭ دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ قۇرۇقلۇق (قىتئە)قا دېڭىز بىلەن قورشالغان ئارال، دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. يەرشارىنىڭ ئەڭ شىمالىنىڭ سوغۇق، ئەڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ يەرلەرگە ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيانى كېلىماتقا ئاساسەن بۆلەكلەرگە ئايرىيدۇ. ئۇ يەر شەكىللىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا كىشىلەرنىڭ دىقىتىنى جەلب قىلىدۇ. جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ دۆلەتلەرگە پايدىلىق مۇھىم بىر ئېلېمېنت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇ كىتابىدا سۇنىڭ پارچىلاش - ئۇپىرىتىش كۈچى، شامالنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بىر قىسىم يەر شەكىللىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئوكياننىڭ بارلىقىنى، ئەگەر ھەر ۋاقىت غەربكە قاراپ ماڭغان تەقدىردە ھىندىستانغا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

سترابو رايونلارنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن، ئىنسانلار بىلەن مۇھىتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالىدۇ، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يەكۈنلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭلاشقا سترابو تۇنجى جۇغراپىيەشۇناس دەپ قارىلىدۇ. ئۇ جۇغراپىيەنىڭ بىر ئىلىم تۈرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى بولۇپ، بۇنى: «مەن تەتقىق قىلماقچى بولغان جۇغراپىيە ئىلىمى، مېنىڭچە، ھېچ بولمىغاندىمۇ باشقا ئىلىملەرگە ئوخشاشلا بىر پەيلاسوپنىڭ قىزىقىش دائىرىسىگە كېرىدۇ ۋە مېنىڭ كۆز قارىشىمنىڭ توغرىلىقى نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپانلاندى» دەيدۇ.

* * * * *

دۇنيانىڭ تۇنجى جۇغراپىيە ئالىمى دەپ قارالغان سترابونىڭ يۇرتى ئاماسيادۇر... ئاماسيالىق سترابو، بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئامازون خانىشى ئامىسىستىن كەلگەن دەيدۇ.

تىك قىيالار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئاماسيا شەھرى، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ دەرياسى - يېشىل ئىرماق تەرىپىدىن ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ئەسىرلەر بويى ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق جاي دەپ تاللىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ يەنە قەدىمكى دۇنيانىڭ مۇھىم يوللىرى ئۆزئارا كېسىشكەن سودا مەركىزى ئىدى. شەھەرنىڭ تارىخى ھىتىتلارغا تۇتىشىدۇ. بۇ شەھەر فرىگلار، لىدىيلار، پارسلار، پونتۇس پادىشاھلىقى، رىم ئىمپېرىيەسى، سەلجۇق ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدۇ.

سترابو تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، بۇ شەھەر پونتۇس پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ئىدى. پونتۇس خەلقى خارشېنا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە پادىشاھلار ئۈچۈن ئابىدىۋى قەبرىلەرنى ئويۇپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان پونتۇس شاھى تاش قەبرىسى ناھايىتى تەسىرلىك تاشقى كۆرۈنۈشكە ئىگە. قەبرىلەر جايلاشقان ئۆڭكۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تونېل ئادەمنى باشقا بىر زامانغا ئېلىپ بارىدۇ. دۇنيادىكى تاش قەبرە ئەنئەنىسىنىڭ نادىر مىساللىرىنىڭ بىرى بولغان پونتۇس پادىشاھى تاش قەبرىلىرى بۈگۈن خارشېنا تېغى بىلەن بىرلىكتە ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى. شەھەر مەركىزىدە، يەنى يېشىل ئىرماق بويىدىكى «شاھزادىلەر ساياھەت يولى»  نىڭ يېنىدا سترابونىڭ ھەيكىلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا پونتۇس شاھلىرى تاش قەبرىلىرى بار...

* * * * *

ئاماسيالىق سترابو جۇغراپىيە دېيىلگەن ھامان دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كىشىنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە كۆرگەنلىرىنى خاتىرىلەش قىزغىنلىقى، ھەمدە ئىلىم-پەنگە بولغان تەشنالىقى، بىزگە مۆلچەرىمىزدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ. ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا بىلىنگەن دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك بىلىملىرىنى توپلىغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال قەدىمكى ئەسەر - «جۇغراپىيە» نىڭ ئاپتورى. قەدىمكى دەۋردە كۆپ ئوقۇلمىغان بۇ ئەسەر، ۋىزانتىيە دەۋرىدە قايتا بايقىلىدۇ ۋە كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا بايان قىلىنغان 17 توملۇق ئەسىرىنىڭ ئۈچ تومىنى ئانادولۇغا ئاجرىتىدۇ. ئۇ ئەسەر ئانادولۇنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى ھەققىدىكى قەدىمكى پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر