ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ

ئاللاھ خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ.

1664834
ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسرا سۈرىسى، 52 – 60 - ئايەتلەر. شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر[52]. بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر[53]. ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ ، سېنى ئۇلار (يەنى كاپىرلار) غا ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق[54]. پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[55]. داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ[56]. ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر[57]. (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر[58]. (قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز[59]. ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ (ئەھۋالى) نى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، بىز ساڭا (مىراج كېچىسى ئاسمان ـ زېمىندىكى ئاجايىپلاردىن) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى (يەنى قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان زەققۇم دەرىخىنى) پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق، بىز ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتىشىمىز ئۇلارنىڭ يولسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ[60].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر