پ ك ك - پەشمەرگە توقۇنۇشى سۈرىيەنىمۇ ئىچىگە تارتماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز

1664973
پ ك ك - پەشمەرگە توقۇنۇشى سۈرىيەنىمۇ ئىچىگە تارتماقتا

پ ك ك - پەشمەرگە توقۇنۇشى سۈرىيەنىمۇ ئىچىگە تارتماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (78)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «پ ك ك - پەشمەرگە توقۇنۇشى سۈرىيەنىمۇ ئىچىگە تارتماقتا» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنكى پەشمەرگە- پ ك ك توقۇنۇشى پات-پات داۋاملىشىپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تالىشىش كۈرىشى سۈرىيەگىچە كېڭىيىشكە باشلىدى. پ ي د/  ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ​​رەھبەرلىرىنىڭ  ك د پ نى نىشان قىلغان باياناتلىرى بىلەن بىرگە ك د پ  رەھبەرلىرىمۇ پ ي د/  ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ۋە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ جاۋاپ قايتۇرماقتا. ئەمدىلىكتە بولسا، فىشابۇر / سەمالكە چېگرا ئېغىزى تاقالدى. پ ي د/  ي پ گ نىڭ ئەربىل ۋەكىللىرى قولغا ئېلىندى. K24  نىڭ سۈرىيەدىكى، يەنى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك رايونىدىكى ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرى تاقىۋېتىلدى.

تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى باشلىغان چوڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىمۇ نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى ۋە مەيدان قوماندانلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي بېسىمىغا پەشمەرگەنىڭمۇ ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن ياردەم قىلىشى ئارقىلىق بۇ تەشكىلات كونترول قىلىۋاتقان رايونلىرىدا يېتىم قالدۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيىلىك خالتا كوچىغا مۇبتىلا قىلىنماقتا. مەۋجۇتلۇق خەۋىپىگە پاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئالاقزادىلىك ئىچىدە كونترولسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، پەشمەرگە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا. بىر تەرەپتىن پ ك ك رەھبەرلىرى ك د پ نى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئېغىر باياناتلارنى ئېلان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پ ك ك نى قوللايدىغان كۇرد جامائەتچىلىكى ۋە ئالاقىدار ئاممىۋى تەشكىلاتلار سىياسىي ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ك د پ غا بېسىم مۇھىتى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئاخىرىدا ياۋروپادا تەشكىللەنگەن ئۇنسۇرلار رايونغا كېلىپ، پ ك ك غا جانلىق قالقان بولۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئەمما ئىراق كۇرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى بۇ ئۇنسۇرلارنى يېراقلاشتۇرۇش (چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش) ئارقىلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلماقتا.

ك د پ  بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ كۈچ تالىشىش كۈرىشى سۈرىيەنىمۇ ئىچىگە تارتىدىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. دەسلەپتە ي پ گ تېررورچىلىرى چېگرا لىنىيەسىدىكى پەشمەرگە قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قاراۋۇلخانىنىڭ كونتىروللۇقى قىسقا مۇددەتلىك ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.  ئاندىن يەنە ك د پ  غا يېقىن بولغان كۇرد مىللىي كېڭىشى (ENKS) نىڭ ئىشخانىسى ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا پ ك ك ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. لېكىن ئەمدىلىكلتە بولسا، توقۇنۇش ۋە كۈچ تالىشىش كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى رايوننى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان فىشابۇر / سەمالكا چېگرا ئېغىزى تاقىۋېتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پ ي د/  ي پ گ نىڭ كۇرد رايۇنلۇق ھۆكۈمىتىدىكى ۋەكىللىرى ئەربىلدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. پ ي د/  ي پ گ مۇ بۇنىڭغا قارىتا  كۇرد رايۇنلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى K24 نىڭ ئىشخانىلىرىنى تاقاپ، خەۋەرچىلىك پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى. ئۇندىن باشقا يەنە، كامىشلى ۋە ئەينەل ئەرەب قاتارلىق رايونلاردا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللايدىغان ۋە ك د پ نى ئەيىبلەيدىغان نۇرغۇن كىچىك نامايىشلارنى تەشكىللىدى.

 

پەشمەرگە بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە كۈچ تالىشىىش كۈرىشىگە پ ي د/  ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە قاتناشقانلىقى ۋە ئارىلىشىشى ئەسلىدىنلا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا نامايان قىلدى. كۇرد رايۇنلۇق ھۆكۈمىتى ۋە ك د پ مۇ پ ك ك غا قارشى كۈرىشىنىڭ سۈرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەن بولدى. ئىراق كۇرد رايۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئاجىزلىقلاردىن پايدىلىنىپ گويا راك كېسىلىدەك رايونغا تارقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ك د پ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ۋە تەشكىلاتقا بولغان بېسىمنى پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەكلىكى نامايان بولماقتا. ك د پ ۋە پەشمەرگە ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئەمەلىي ئۇسۇلدا بىۋاستە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈركىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلاۋاتقان ۋە بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئەگەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانمايدىكەن، ئۇلار داۋاملىق تېرورلۇق تەشكىلاتىغا دۇچ كېلىپ، بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر