گومېر ۋە ئۇنىڭ داستانلىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى..

1663414
گومېر ۋە ئۇنىڭ داستانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانتىگون، پرومېتېئوس، پادىشاھ ئوئىدىپۇس، ئېلېكترا... بۇلار رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان قەدىمكى يۇنان تىياتىرىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز پاجىئەلىرىنىڭ بىر قىسمى. ئۇنتۇلغۇسىز دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بۇ پاجىئەلەر كېيىنكى دەۋرلەردە تىياتىرنىڭ ژانىرى ۋە ئويۇنلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، شۇنداقلا بۈگۈنكى تىياتىرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. دىنىي قائىدە - يوسۇنلار ۋە تەبىئەتنى دوراش بىلەن باشلانغان تىياتىر، تەپەككۇر قۇرۇلمىسى ئۆزگەرگەن قەدىمكى يۇنان دەۋرىدە باشقىچە سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇ دەۋردە سەنئەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا، ئېستېتىكا، ھېسسىيات ۋە جەمئىيەت مائارىپى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇنان تىراگېدىيەسى دەۋرىمىز تىياتىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، تىراگېدىيەنىڭ يولىنى ئاچقان، ئۇلارنى ئەسىرلەر بويىچە ۋاز كېچىلمەس قىلغان ئەسەرلەر قايسىلار ئىدى؟ ئۇلار ئىليادا ۋە ئوددېسى قاتارلىقلار بولۇپ، غەرب ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى ئەدەبىي تېكىستلىرى دەپ قارىلىدۇ.

* * * * *

ئىليادا ۋە ئودېسسىي يۇنان ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىككى داستان بولۇپ، زامان ھالقىغان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. يېزىلغىنىغا ئەسىرلەر بولغان بولۇشىغا قارىماي، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوقۇلىدۇ، ئوقۇتۇلىدۇ، داستان ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس ھېسسىياتىنى ئاددىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر شائىرى گومېرنىڭ قەلىمىدىن ئارقا - ئارقىدىن تۆكۈلىدۇ. يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان، ھەتتا مۇقەددەس دەپ قارالغان ئېپوسلارنىڭ،قەدىمكى دەۋرلەردە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئىلياد ۋە ئوددىسېي يۇنان تىراگېدىيەسنىڭ باشلامچىسى بولۇپلا قالماي، زامانىۋى ئەدەبىياتتىكى ئاڭ ئېقىمىنىڭمۇ باشلامچىسى دەپ قارىلىدۇ. ھەر ئىككى داستان تەخمىنەن ئون ئالتە مىڭ قۇر ۋە يىگىرمە تۆت بابتىن تەركىب تاپىدۇ. ئىليادا داستانى ئىسمىنى مەشھۇر قەدىمكى شەھەر ترويادىن ئالىدۇ. ئۇنىڭ تېمىسى ئەپسانىۋى ترۇۋا ئۇرۇشى ئىدى. ترويا ئۇرۇشى ھەققىدىكى ھەقىقىي يۈز بەرگەنمۇ ياكى ئۇ بىر ئەپسانىۋى ھېكايىدىن ئىبارەتمۇ؟ دېگەن دەتالاش ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى گومېر ئىلاھلار ۋە يېڭىلمەس قەھرىمانلار بىلەن تولغان بۇ ئۇرۇشنى ئېپوس ۋە چۆچەك تىلىدا تەسۋىرلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، گومېر ئىليادادا ئۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەمەس، پەقەت 10 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى 51 كۈنىنىلا تەسۋىرلەيدۇ.

داستان:

«ئېيتقىن، ئىلاھە، پېلېئۇس ئوغلى ئاشىليۇس (ئاكھىلېئۇس) نىڭ غەزىپىنى ئېيتقىن.

ئازابنىڭ ئۈستىگە ئازابنى ئاخالارغا ئۇ ئېچىنىشلىق غەزەب كەلتۈردى،

ئۇلۇغ جانلىرىنى ھادەسكە ئاتتى، نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ،

گەۋدىلىرىنى يەم قىلدى، بۆرىگە – قۇشقا.

بۇيرۇقى ئەمەلگە ئاشاتتى، زېئۇسنىڭ،

تۇنجى ئېچىلغان كۈنىدىن باشلاپ ئارىسى

ئەرلەرنىڭ باشلىقى ئاترېئوس ئوغلى بىلەن ئىلاھىي ئاشىليۇسنىڭ» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ.

 

ئۇنداقتا، تېمىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قىزىقامسىلەر؟ ئوقۇپ باقمىغانلار ئۈچۈن ئۇنى دەرھال قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتەيلى.

ترويا ئۇرۇشى ترويا شاھزادىسى پارىسنىڭ ئاخاي پادىشاھى مېنېلائۇسنىڭ ئايالى خېلىننى تۇتقۇن قىلىپ قېچىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشقا نۇرغۇن يۇنان شەھەر دۆلىتى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقا قېتىلىدۇ. ئاخىللېئۇس (ئاشىل/ئاشىيليۇس)مۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئاخېللېئۇس كۈچى ۋە جاسارىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاخاي قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئاگامېمون سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىدۇ. ئون يىل داۋاملاشقان ترۇيا مۇھاسىرىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ، ئەمما بىر – بىرىنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئاخاي ئارمىيەسى سېپىدە زېرىكىش باشلىنىدۇ ۋە گرېتسىيەگە قايتىشنى خالايدۇ. ترويالىق پارىسنىڭ ئىنىسى ھېكتور بۇ ئۇزۇن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ. ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى پارىسنىڭ پادىشاھ مېنېلائۇسنىڭ ئايالى خېلېننى تۇتقۇن قىلىپ قېچىشى بولغان ئىكەن، چۈشىنىشمەسلىك پارىس بىلەن مېنېلائوسنىڭ ئېلىشىشى نەتىجىسىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان مېنېلاس بىلەن پارىس ئېلىشىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. گۈزەل خېلېننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ قاچۇرۇلىشىدا قولى بولغان ئافرودىت، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشقا ئازلا قالغاندا پارىسنى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئېلىپ قېچىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. قوشۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قايتىدىن باشلىنىدۇ. ئىلاھلار ئۇرۇشقا ئارىلىشىدۇ، تەرەپلەر سەپ تارتىدۇ. ئىلاھلار ئىلاھى زېئۇس، ھېكتورنىڭ، يەنى ترويالىقلارنىڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. بىراق ھېكتور ئاشىلنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان دوستىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئاچچىقىدىن تەلۋىگە ئايلانغان ئاشىل، قايتىدىن ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئىلاھىي ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئاشىل، ھېكتور بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

قەھرىمان ھېكتورنىڭ ئۆلۈمى ترويا خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاشىل ھېكتورنىڭ جەسىتىنى سۆرەپ ترويانىڭ ئەتراپىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىدۇ، ئاندىن رەھىم قىلىپ، جەسەتنى ھېكتورنىڭ دادىسىغا بېرىدۇ. ئىليادا داستانى بۇ كۆرۈنۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاخايلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ.

* * * * *

ئىلياد ئەمەلىيەتتە ترويا ئۇرۇشىنىڭ ئەمەس، ئاشىلنىڭ داستانى. ئۇنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان ئىككىنچى داستان بولسا، ئودېسسادۇر. گومېر بۇ ئىككىنچى داستاندا، ترويا ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمان، جەسۇر ۋە باتۇر جەڭچىسى ئودېسسانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن يۇرتى ئىخاكاغا قىلغان سەپىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئىليادتا ئىلاھلار ۋە يېرىم ئىلاھلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ئەپسانىۋى ۋە رىۋايەت كەيپىياتى بار. ئودېسسا بولسا، بىرلا ئادەمنىڭ ھېكايىسىدۇر. ئودېسسانىڭ ئون يىل داۋاملاشقان ئۆيىگە قايتىش سەپىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرى بىر ئىنساننىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ، بۇ قېتىم ئىشنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئىليادتا ۋەقەلەر بىر - بىرىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، ئودېسسادا ئەسلىمىلەر، تەتۈر بايانلار، ئاتلاپ بايان قىلىش ئۇسلۇبلىرى بار.

* * * * *

بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ۋە ۋاقىتسىز داستانلارنى يازغان گومېر، قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى دەپ قارىلىدۇ؛ ئۇ غەرب ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم، بەلكىم تۇنجى سەنئەتكاردۇر. گومېر يەنە كلاسسىك ئەپسانىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇ يۇنان ئىلاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تەسۋىرلىگەن تۇنجى كىشى. ھالىكارناس بېلىقچىسى جەۋدەت شاكىر قابائاغاچلى: «يۇنان ئەپسانىلىرىگە، شۇنداقلا پۈتكۈل يۇنان مەدەنىيىتىگە مۇشۇنداق مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان گومېر ئانادولۇلۇقتۇر» دەپ يازىدۇ. بىزنىڭ گومېرنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز. رودوس، ئاتىنا، سالامىس، ساكېز ۋە سمايرنا، يەنى ئىزمىر ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە... گەرچە مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى ھەققىدە ئېنىق پىكىر بايان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ غەربىي ئانادولۇنىڭ مۇھىم ئىئون شەھىرى سمايرنادا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراش ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، گومېر ئىسىملىك ​​كىشىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتچىلارمۇ بار. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئەسەرلەر ھەقىقىي، ئەمما ئاپتور گۆش ۋە سۆڭەكتىن تەركىپ تاپقان بىرى ئەمەس، دېمەكچى بولۇشىدۇ. ئېپوس شەكلىدە شېئىرلارنى يازغان شائىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گومېر دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ بار. ھەتتا، ئەسەرلىرىنى تۇنجى قېتىم قەلەمگە ئالغان پۈتۈكچىنىڭ ئىسمىنىڭ گومېر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. تېما دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئەسەرلىرى ئارسىسىدىكى ئۇسلۇب بىر – بىرىدىن شۇنچىلىك پەرقلىق ئىكەنكى، بەزى تەتقىقاتچىلار، بۇلارنىڭ بىرلا كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشىغا ئىشەنمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىزدىنىشكە ھەتتا «گومېر مەسىلىسى» دەپ ئىسىممۇ قويۇلغان. بەلكىم گومېر ئىسىملىك ​​بىرى ئەزەلدىن ياشىمىغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئەسەرلەر ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە گومېر تەرىپىدىن توپلانغان ياكى ئۇنىڭغا مەنسۇپ دەپ قارالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. گەرچە ئۇ ئىلىم - پەن دۇنياسى ئۈچۈن ھەل قىلىنمىغان ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان تېپىشماققا ئوخشاش بىر مەسىلىدەك قىلسىمۇ، گومېر بىز ئۈچۈن ئانادولۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرلىرىدىن بىرىدۇر...

تارىخنىڭ ئاتىسى ھىرودوتنىڭ ئېيتىشىچە، گومېر يۇنانلىقلارغا ئىلاھلار توغرىسىدا تەلىمات بەرگەن. ئەپلاتونمۇ بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئۇ يۇنان دۇنياسىدىكى بارلىق ئەقىدىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر، بۇ دۇنيادا نېمە دېيىلگەن بولسا، ئۇ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەندۇر» دەيدۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى «يۇناننى تەربىيلىگەن شائىر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردە تىبابەتچىلىكتىن قانۇنغىچە، دىندىن سىياسەتكىچە نۇرغۇن پەنلەردە مۇراجىئەت قىلىنغان ئاساسىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ئۇ گومېرنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ، ياستۇقىنىڭ ئاستىغا ئىليادانى قويۇپ ئوخلايدىكەن. ئىليادا داستانىنى ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى قىلىپ تاللىغان ھېنىرىخ شلىمان (Haynrih Chileiman) قەدىمكى ترويا شەھىرىنى ئوتۇرىغا چىقىرىدۇ. گەرچە گومېرنىڭ ئەمەلىيەتتە ياشىغان - ياشىمىغانلىقى توغرىسىدا پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەيۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.


خەتكۈچ: #داستان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر