دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى - ھالىكارناس مەقبەرىسى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى ھۇزۇرۇڭلاردا....

1646017
دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى - ھالىكارناس مەقبەرىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاپئاق ئۆيلىرى، قېنىق كۆك دېرىزىلىرى ۋە گۈزەل بوغما گۈللۈك مەنزىرىلىرى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولغىنىدا، قەلبىڭىزنى قاپلىغان ھۇزۇرنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايسىز. تەبىئىيلىك بۇزۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز-دە، تىنىقىڭىزنى تۇتۇۋېلىش ئېھتىياجى ھېس قىلىسىز، قىسقىسى بودرۇم سىزنى ناھايىتى سىلىق – سىپايە ھالدا باشقا دۇنيالارغا ئېلىپ كېتىدۇ... كۆكۈش دېڭىز ۋە ئۇ يېشىللىقنى قۇچاقلاپ ياتقان جىلغىلار شۇنداق گۈزەلدۈركى، ۋاقىتنىڭ توختىشىنى ۋە شۇ لەھزىگە مەھكۇم بولۇشنى ئارزۇلىماي تۇرالمايسىز. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر شائىرى گومېر بودرۇمنى، يەنى ھالىكارناسنى «مەڭگۈلۈك يېشىللىقلار جەننىتى» دەپ ئاتايدۇ. ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى جەۋات شاكىر قابائاغاچلى بودرۇمنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ قالىدۇ ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزىنى «ھالىكارناس بېلىقچىسى» دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئەسەرلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن يازىدۇ. داڭلىق يازغۇچى بودرۇمنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

«بودرۇم ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) نىڭ ھەم تەبىئەتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىكىنى، ھەم تارىخنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان يېگانە بۇلۇڭى. شەھەرنىڭ ھىلال ئاي شەكلىدىكى ئىككى پورتى ئاشىقنىڭ شوخ مەشۇقىغا ئېچىلغان كۆڭلى مىسالى دېڭىزغا ئېچىلىدۇ (دېڭىزمۇ شوخ بولماي نېمە؟!) يانمۇيان سوزۇلۇپ ياتقان بۇ ئىككى پورتنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدىغان يېرىدە مۇنار ئۈستىگە سېلىنغان مۇنار — سەن جان ئاتلىق ئەسكەرلەر قەلئەسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئاپئاق شەھەر بۇ ئىككى پورتنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. ئاق ئۆيلەر دەبدەبىلىك رەڭلەردىن خالىي بولۇپ، بىر نەچچە قات پاك – پاكىز ئاقارتىلىدۇ ۋە ئاق تاملىرى، كۆپكۆك ئاسمىنى، ئاق سىزىقلىرى بىلەن ئۇستىرا مىسالى كېسىدۇ. بۇ يەر بىپايان ئاسمانلار يۇرتىدۇر. نۇر بۇ يەردە قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپلا قالماستىن، يورۇتقان ماددىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى شائىرنىڭ چۈشىگە ئايلاندۇرىدۇ. «ئىتالىيەنى كۆرۈپ ئۆلگىن» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئۇنداق ئەمەس دوستۇم، بودرۇم ۋە ئۇنىڭ قىرغاقلىرىنى كۆرۈپ ياشىغىن...»

* * * * *

ھازىرقى ئايدىن، مۇغلا ۋە دەنىزلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون قەدىمكى دەۋردە «كاريا (كارىئا) رايونى» دەپ ئاتىلاتتى. ئەگرى – بۈگرى پورتلىرى، مۇنبەت تۈزلەڭلىرى، ئورمانلىق ۋە تىك تاغلىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان كاريا رايونى، فرىگيا، لىكيا ۋە ئىئونىيە قاتارلىق ئۆز دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايونلىرى بىلەنمۇ قوشنا ئىدى. ئافرودىسىئاس، كائۇنوس، كنىدوس ۋە ھالىكارناسسوس ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

كاريا رايونىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ پاراخوتلار ئۈچۈن تەبىئىي پورت بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇشى ئىدى. ھالىكارناس قەدىمكى دەۋردىكى كاريا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم پورت شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ھالىكارناس ئەگە دېڭىزىدىن كەلگەن كىشىلەر تۇنجى بولۇپ قارشى ئېلىنىدىغان يەر ئىدى. قەدىمكى مەنبەلەردە ھالىكارناس (Halicarnassos – ھالىكارناسسوس) دېگەن نامنىڭ «مۇبارەك بۇلاق كۆلى شەھىرى» دېگەن سۆزلەردىن تەركىب تاپقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. گەرچە دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېڭىز ۋە سودا پاراخوتلىرىغا ماس كېلىدىغان چوڭلۇقتىكى تەبىئىي ۋە بىخەتەر پورتلىرى بىلەن بارا - بارا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. دېڭىز يولى بويىدىكى مۇھىم ئورنى سەۋەبىدىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پايتەختكە ئايلىنىدۇ. ھالىكارناس، ھۆكۈمدار مائۇسولوس (موزۇلوس)نىڭ دەۋرىدە ئەتراپى تاملار بىلەن قورشالغان، ئاممىۋى بىنالىرى، مەخپىي كېمىسازلىق زاۋۇتى ۋە ئۆستىكى بار بىر شەھەرگە ئايلىنىدۇ. مائۇسولوس شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانى ئىدى، ھەتتا ئۇنى دىكتاتور دەپ ئاتايدىغان قەدىمكى يازغۇچىلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. پادىشاھ مائۇسولوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنى نامايان قىلىدىغان ھەيۋەتلىك ئابىدىۋى قۇرۇلۇش سالدۇرۇشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆلۈمسىز (مەڭگۈلۈك) ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىشنى قارار قىلىدۇ. سانسىزلىغان ئىشچىلار ئىشلەيدۇ، بۇ ئابىدىنى سېلىش يولىدىكى سەرپىيات يۈزىسىدىن خانلىقنىڭ خەزىنىلىرى قۇرۇقدىلىپ كېتىدۇ، ئەمما، ئۇ مائۇسولوس ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن پۈتمەيدۇ، قۇرۇلۇشنى ئايالى پۈتكۈزىدۇ. بۇ ئابىدىۋى مەقبەرە ناھايىتى تېزلا ھالىكارناس ياكى كارىيا رايونىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ يارقىن قۇرۇلمىسىغا ئايلىنىدۇ.

* * * * *

ھالىكارناس ناملىق بۇ پادىشاھ مەقبەرىسى قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. شۇ چاغدىن كېيىن، بارلىق خاتىرە قەبرىلەر پادىشاھنىڭ ئىسمى بولغان مائۇسولوستىن ئىلھاملىنىپ «مەقبەرە» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.

ھالىكارناس مەقبەرىسى تۈۋرۈكلىرى بىلەن يۇنان، پەلەمپەيسىمان پىرامىدا شەكىللىك ئۆگزىسى بىلەن مىسىر بىناكارلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان شۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىنى گويا بىر – بىرىنىڭ پارچىسى — داۋامىدەكلا قەتئىي غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرمايدىغان شەكىلدە بىر يەرگە جەم قىلغان غايەت زور دېيىشكە بولىدىغان ھەيران قالارلىق يادىكارلىقتۇر.  ئەينى دەۋرنىڭ ئەڭ داڭلىق ھەيكەلتىراشلىرى 55 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇ مەقبەرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بىنانىڭ تۆت تەرىپى ئوخشىمىغان تۆت پەرقلىق ھەيكەلتىراش تەرىپىدىن ئېسىل ھەيكەللەر ۋە لىنتا شەكىللىك قاپارتمىلار بىلەن بېزىلىدۇ. ئەنە شۇ قاپارتمىلار ئابىدىۋى مەقبەرەنىڭ دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. كەڭ ھويلىسى، شىر رەسىملىرى، ئىلاھلار، ئىلاھەلەر ۋە جەڭچىلەرنىڭ ھەيكەللىرىدىن باشقا، خاتىرە مەقبەرەنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۆت ئاتلىق ھارۋىغا ئولتۇرغان پادىشاھ مائۇسولوس ۋە ئۇنىڭ خانىشى ئارتېمىسيانىڭ ھەيكىلى ئورۇن ئالىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە مۇتەخەسسىسلەر، قېزىش – تەكشۈرۈش داۋامىدا تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەر ۋە قەدىمكى دەۋر يازغۇچىلىرىنىڭ يازما ئۇچۇرلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەقبەرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى سىزىپ چىقىدۇ. گويا بىر چۈش مىسالى قەد كۆتۈرگەن بۇ مەقبەرى، دەۋرىمىز كىشىلىرىنىمۇ ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش ئىستېلا ئۇرۇشلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، تەخمىنەن 1500 يىل بويىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىر قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. 14 - ئەسىردە بۇ رايونغا كەلگەن سائىنت ژان (سان ژان) چەۋەندازلىرى مەقبەرى خارابىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى ھازىرقى ست.پېتېر يەنى ھازىرقى بودرۇم قەلئەسىنى ياساشقا ئىشلىتىدۇ. گەرچە بۇ خاتىرە مازار بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇقلىرى بودرۇم قەلئەسىنىڭ تاملىرىدا پەرقلىق شەكىللەردە بولسىمۇ قايتىدىن جانلىنىدۇ.

* * * * *

قەدىمكى دەۋرنىڭ بۇ ھەيۋەتلىك شەھىرى ھالىكارناس ھەققىدە بىزنى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن ھىرودوتتىن مىننەتدارمىز. بەلكىم ھىرودوت ئۆزى تۇغۇلغان بۇ تۇپراققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا ھېكايىلىرىدە كۆپرەك ئورۇن ئاجراتقان بولۇشى مۇمكىن... شۇنداق، رىملىق ئالىم ۋە يازغۇچى سىسېرو، «تارىخنىڭ ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن ھىرودوت ھالىكارناسلىق، يەنى بودرۇملۇق بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ تۇنجى تەتقىقاتچى تارىخچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ھىرودوت تىراكيادىن قارا دېڭىزغىچە، ماكېدونىيەدىن مىسىرغىچە بولغان مۇرەككەپ جۇغراپىيەدە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىنتايىن چەكلىك، شۇنداقلا شەھەر سىرتىدىن كەلگەن سەيياھلارغا تايىنىدىغان بىر دەۋردە ئالىي مەلۇماتلىق، ئىزچىل ساياھەت قىلىپ تۇرىدىغان ھىرودوت، قەيەرگىلا بارسا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. چۈنكى «دۇنيانىڭ تۇنجى ئۇلۇغ ساياھەتچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ھىرودوت، بايان قىلغان ۋەقەلىرىدە پېرسوناژلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق يازمىلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر، شەھەرلەر يىراق جايلاردىن كېلىدىغان بۇ يات سەيياھنى ھەر دائىم تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ.

ئۇ بارغان جايلىرىدا كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ۋە ئەمەلدارلار كۆرۈشىدۇ. رەسمىي ھۆججەتلەرگە تايىنىپ، توغرا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ھاسىل قىلغان ئۇچۇرلىرىنى داڭقىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان «ھىستورىئا» يەنى «تارىخ» ناملىق كىتابى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. كىتابنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقى ھەققىدە بولسا:

«ئىنسانلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلماسلىقى؛ يۇنان ۋە چەت ئەللىكلەر ياراتقان مۆجىزىلەر نامسىز قالماسلىقى كېرەك. مەقسىتىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بېرىشتۇر» دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئۇ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە پەقەت كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ بايان قىلىدۇ، باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئالىملار، ھىرودوتنىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭ تارىخ ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۆھپە قوشقانلىقى قارىشىدا ھەمپىكىر... ھىرودوت زامانىمىزغىچە تولۇق ھالەتتە يېتىپ كەلگەن توققۇز توملۇق مەشھۇر ئەسىرىنى تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلار بىلەنلا چەكلەپ قويمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭغا يەنە ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت، سەنئەت، بىناكارلىق ۋە  رىۋايەتلىرىنىمۇ كىرگۈزگەن.

* * * * *

ھالىكارناستا ھاياتلىق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۈگۈن بىر دەۋرنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەقبەرىسىنىڭ ئورنىدا تولدۇرۇلۇشىنى ساقلاۋاتقان بىر بوشلۇق بار. بۇ بوشلۇق بىزگە يوقلۇقنى ئەسلىتەمدۇ ياكى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشىنىمۇ؟ ئۇ تەسەۋۋۇرىمىزنى غىدىقلىغۇچى بىر بوشلۇق بولۇپ، بىزنى ئۇ دەۋرگە قايتۇرىدىغان، ئەمما بىزگە ئۈستىدىكىلەر (يەنى ئۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلار)نىڭ مەنسۇپ بولغان مۇھىتتىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسلىتىدىغان بىر بوشلۇقتۇر. چۈنكى ھالىكارناس قېزىشلىرى جەريانىدا قېزىۋېلىنغان ھەيكەللەر ۋە بېزەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى نۆۋەتتە ئەنگلىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بىز مەقبەرە قالدۇقلىرىنىڭ ئۆزى مەنسۇپ بولغان جايغا قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتىمىز ۋە «ھالىكارناس بېلىقچىسى» جەۋات شاكىر قابائاغاچلىنىڭ ئەنگلىيەدىكى مۇزېي ئەمەلدارلىرىغا يازغان مەكتۇپىدىكى «مەقبەرە ئۆزىنىڭ قىممىتىگە بودرۇمنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدىلا ئېرىشەلەيدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن بىزمۇ يەنە بىر قېتىم ئۇ يادىكارلىقلارنىڭ بودرۇمغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى چاقىرىقىنى تەكرارلايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر