ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (72)

1639406
ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (72)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

قارىغاندا ئامېرىكىدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى ئوتتۇرا شەرققە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ ترامپنىڭ مۇتلەق قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان تەخت ۋارىسى شاھزادىلەر سىياسىي مەيدانلىرىنى يېڭىلاشنىڭ كويىغا چۈش ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا-ئىران يادرو سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق ئىنكاسى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكىمۇ مەۋجۇت. تۈركىيە بولسا، بۇ يېڭى تەڭلىمىدە ئۆز مەنپەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئوتتۇرا شەرق دۇنيا بويىچە دىنامىك كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. رايوندا مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى مۇقىمسىزلىقتىن سۆز ئىچىش لازىم. ئەپسۇسكى بۇ جۇغراپىيە زىددىيەت ۋە كۈچ تالىشىش كۈرەشلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن. بولۇپمۇ تاشقى ئارىلىشىش پەيدا قىلغان كونتروللۇق بىر قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. گەرچە تۈركىيە يالغۇز ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى بولمىسىمۇ، ئەلۋەتتە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇ نۇقتىدىن رايون سىياسىتىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، جىددىي ھەرىكەتچانلىق ۋە يېڭىلىنىش ئىزدىنىشلىرى مەۋجۇت. لېكىن بۇنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

بىر تەرەپتىن بايدىننىڭ ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى باشلىشى ۋە ئىرانغا بولغان بېسىمىنى ئازايتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ترامپنىڭ ئەكسىچە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىلىرىگە بېرىلگەن مۇتلەق قوللاشنى ئازايتىشى، رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى چوڭقۇر تەۋرەتمەكتە. ئىسرائىلىيە ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە تۇرماقتا ۋە نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە باشقىچە جاۋاب قايتۇرماقچى بولماقتا. ئىسرائىلىيە تاشلىغان قەدەملەر بىۋاستە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يۇمشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلىدۇ. ئىراننى ھەم بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ زېمىنىدا، ھەم سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارىس قولتۇقى ۋە قىزىل دېڭىزدىمۇ ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە تەۋە پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشماقتا. بىراق ئىران ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولغان كېڭەيمىچىلىكتىن ساقلىنىشنى تاللاپ كەلمەكتە.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بولسا، ئامېرىكانىڭ ترامپ دەۋرىدە سۇنغان مۇتلەق قوغداش كۈنلىكىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، يېڭىلىنىش ئىزدىنىشىگە چۈشكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. شۇڭا دەسلەپتە قاتارنى قامال قىلىشتىن چېكىنىپ، قاتار بىلەن نورماللىشىش مۇساپىسىنى باشلىدى. ئاندىن تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىمۇ زور دەرىجىدە يۇمشاش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. گەرچە تېخى كونكرېت سىياسەتكە ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالامەتلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭمۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىنىش تىرىشچانلىقىغا ئىنكاسسسىز قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ترامپ دەۋرىدە تۈركىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپ شەكىللەندۈرگەن دۆلەتلەر تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇرۇنۇشلاردا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن بۇ دائىرىدە ھەر خىل تېلېفون سۆھبەتلىرىدە بولدى. ھەقىقىي ئىلگىرىلەش بولسا مىسىر بىلەن داۋاملاشماقتا. تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت قاھىرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى. ھەر ئىككى دۆلەت زىيانلىق مۇھىتلاردىن بەكرەك مەنپەئەتكە ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، لىۋىيەدىكى سىياسىي ھەل قىلىش جەريانىمۇ مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

بۇ ئۆزگىرىشلەر نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىمىز ئېنىق. بارلىق دۆلەتلەر مەيلى قانداقلا شەكىلدە بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ۋە قائىدە - پىرىنسىپلىرىنى يېڭىلايدىغاندەك قىلىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار بىر مەزگىل توختىتىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرى بۇ دائىرىدە تولىمۇ مۇھىم. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قىزىق توقۇنۇش پۈتكۈل رايونغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، كېڭىيىپ كېتىشتەك يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. تۈركىيەنىڭ بولسا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېرورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈۋالالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر