9 -ماي ئانىلار بايرىمى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئەمدى  9 -ماي ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييالىغان قىسقىچە پروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز

1636881
9 -ماي ئانىلار بايرىمى

9 -ماي ئانىلار بايرىمى

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئانىلار بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە. بىزنى 9 ئاي قورسىقىدا كۆتۈرگەن، مىڭ بىر جاپا بىلەن دۇنياغا كەلتۈرگەن، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىسىنى ئايىمىغان ئانىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم سۆيگۈ بىلەن خاتىرىلىشىمىز كېرەكلىك مۇھىم بىر پۇرسەت. ئەگەر ھازىرمۇ ئانىلىرىمىز يېنىمىزدا بولسا، ئىككىلەنمەي ئانىلىرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى بىلدۈرەيلى. ئۇلارنىڭ پاختىدەك قوللىرىنى نەچچە يۈز مىڭلىغان قېتىم سۆيسەكمۇ  ئاز كېلىدۇ. ئەگەر باشقا شەھەرلەردە تۇرىدىغان بولساق، ھېچ بولمىغاندا ئالاھىدە تېلېفون قىلىپ ھال- ئەھۋالىنى چوقۇم سورىشىمىز كېرەكلىك مۇھىم بىر كۈندەمىز. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئانىلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر