ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار

ەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار.

1636162
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 112 – 118 - ئايەتلەر. ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى[112]. ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى[113]. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار[114]. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە) ئاللاھ (ئۇنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) كۆيۈنگۈچىدۇر[115]. ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[116]. (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[117]. ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يالغۇز يەھۇدىيلارغا ھارام قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[118].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر