پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (70)

1631377
پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكتى

پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (70)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدا پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكەتلىرىنى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرىمۇ ئەتىياز ۋە ياز ئايلىرىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك چوڭ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى.

تۈركىيە پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنى ھەم مەملىكەت مىقياسىدا، ھەم چېگرا سىرتىدا، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق بۇ تەشكىلات بازا قىلغان رايونلاردا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى مەيدان بېسىمىنى ئاساس قىلغان قاقشاتقۇچ بېرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. مەسىلەن تەشكىلاتنىڭ تۈركىيە ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى ۋە يېزا-قىشلاقلاردىكى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانىمۇ 300 دىن ئازلىدى.

لېكىن تۈركىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئاساسلىق كۈرىشى ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدە داۋاملاشماقتا. تۈركىيەنىڭ بۇ رايونلاردا تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسى، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە چېگرا سىزىقىدىن چېكىنىشىنى، مەيدان كونتروللۇقى ۋە زېمىن كونتروللۇقىغا خاتىمە بېرىپ، ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدىكى ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشنى ئاساس قىلىدۇ.

بۇ جەھەتتە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، ئاۋاشىن-باسيان رايونلىرىغا قارىتا يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. پەنچە چاقماق ۋە چاقماق ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردىن پۈتۈنلەي تازىلاشقا تىرىشماقتا. ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سېلىنغان بۇ ھەرىكەتلەردە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئايروپىلان بىلەن ئەسكەرلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك تاغ چوقىلىرىغا ئالاھىدە قىسىم ۋە قوماندانلىق قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بۇنىڭدىن تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئىستراتېگىيىلىك تاغ چوقىلىرىنى كونتروللۇقىغا ئېلىپ، ئاندىن ئاساسلىق بازىلىرىنى قۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ ۋە تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى مەشىق ساھەسى، قوماندانلىق ۋە كونتروللۇق مەركەزلىرى بىتچىت قىلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر رايوندا پ ك ك ئۇنسۇرلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى مۇداپىئە لىنىيەسى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىندى ۋە تەخمىنەن 60 قا يېقىن تەشكىلات ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ رايون ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، 2021-يىلىنىڭ قالغان قىسمىدا تېخىمۇ جەنۇبتىكى گارې رايونىغا ۋە ئاخىرىدا قاندىلغا قارىتا چوڭ بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردىغانلىقىنىمۇ ئالدىن كۆلارۈۋالالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ تۈركىيەنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرماقتا. ئەگەر بۇ رايوندا باغدات ۋە ئەربىل دائىرىلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە بىنائەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بارلىق تارماق ئۇنسۇرلىرى تولۇق تازىلانمايدىغان بولسا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ سىنجارنىمۇ ھەرىكەت نىشانى قىلىشى تۇرغانلا گەپ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر