تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھاۋا ئالاقىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 66

1613045
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھاۋا ئالاقىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە

 

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھاۋا ئالاقىسى ۋە بۇ ساھەگە سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەر

ئابدرەسۇل ئىسھاقو

2021-يىلى، 21-مارت كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى خەلقئارا ھەزرەت سۇلتان ئايرودۇرۇمىدىن ئىستانبۇلغا تۇنجى ئايروپىلان سەپىرى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، خەلقئارا ھەزرەت سۇلتان ئايرودۇرۇمىدىن چەت ئەلگە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپىرى بولۇپ قالدى. FlyArystan ئاۋىياتسىيە شىركىتى، تۈركىستاندىن ئىستانبۇلغا ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئايروپىلان سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭ ھەپتىدە يەتتە قېتىمقا چىقىرىلىشى نىشان قىلىنماقتا. 2020-يىلى، 1 – دېكابىر كۈنى ئېچىلغان خەلقئارا ھەزرەت سۇلتان ئايرودۇرۇمى، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق يىللىرىدا يېڭى ياسالغان تۇنجى ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايرودۇرۇم، خەلقئارا ئاقتاۋ ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرىدىغان YDA گورۇھى تەرىپىدىن  ياسالدى.

2021-يىلى، 25-مارت كۈنى، قىرغىزىستان خەلقئارا ماناس ئايرودۇرۇمى ئېتى باكىر تېرەكساي شىركىتى بىلەن جالالئاباد ۋىلايىتىنىڭ توگۇز تورو ۋىلايىتىگە جايلاشقان كەربەن ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش ۋە رېمونت قىلىش توغرىسىدا كۆرۈشتى. ئېتى باكىر تېرەكساي شىركىتى بۇ ئايرودۇرۇمغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۇنى يەرلىكتىن خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. 1979-يىلى ياسالغان ئايرودۇرۇمنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 2019-يىلى  رېمۇنت قىلدۇرغان، ئەمما ئايروپىلان سەپەرلىرى تېخى ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانىدى. شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، ئېتى باكىر تېرەكساي شىركىتىنىڭ % 75 لىك فوند ئۈلۈشى تۈرك ئېتى ​​ شىركىتىگە ئائىت بولۇپ، بۇ شىركەت قىرغىزىستاندىكى  تېرەك، تېرەككان ۋە پارەۋالونە كانلىرىنى ئىشلەتمەكتە.

شۇ كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى فەرغانە ۋالىي مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇلازىمەت ئورگىنى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىن فەرغانە شەھىرىگە بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۆزبېكىستان شۆبىسىنىڭ مۇدىرى سېلىم قاھرامان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، فەرغانە ئايرودۇرۇمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن  شەھەرگە كەتتى. ئۇچرىشىشتا، ئايرودۇرۇم مۇلازىمىتى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدىن ئۆزبېكىستاننىڭ يەتتە شەھىرىگە ئايروپىلان بىلەن بارغىلى بولۇشتەك ياخشى شارائىت يارىتىلدى.

تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە سالغان مەبلەغلىرى بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى. TAV ئايرودۇرۇملىرى گۇرۇھى، ئالدىنقى يىلى خەلقئارا ئالمۇتا ئايرودۇرۇمىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئالدى. كىكلوپ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ئايرودۇرۇمىنى رېمونت قىلدى. يەنە بىر تۈرك شىركىتى بولغان ئالاركو گۇرۇھى، تۈركمەنىستاندا ئاشخابات ئايرودۇرۇمىنى، ئۆزبېكىستاندا سەمەرقەنت، بۇخارا ۋە ئۇرگەنچ ئايرودۇرۇملىرىنى،  قازاقىستاندا نۇرسۇلتان ئايرودۇرۇمىنى ياسىدى. مارت ئېيىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە سالغان مەبلەغلىرى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى مۇقىم ھالەتتە ئاشماقتا.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ 7 شەھىرىگە، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاننىڭ 2 شەھىرىگە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ  بىرەر شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، Pegasus  ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئوخشاش شەكىلدە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەر بىر ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى،  تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئانتاليا شەھەرلىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى بۇ ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنىڭ كېيىنكى يىللاردا يېڭى ئۇپۇقلارغىچە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تىك ئۇچار، ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ يوشۇرۇن كۈچ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەۋجۇتتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر