يۇنۇس ئەمرە يىلى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «يۇنۇس ئەمرە يىلى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1601465
يۇنۇس ئەمرە يىلى

يۇنېسكونىڭ 2021-يىلىنى «يۇنۇس ئەمرە يىلى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكو، جەمئىيەتلەر ئارا تىنچلىق، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا يېقىنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە زاتلىرى ياكى تارىخىي ۋەقەلىرىنى خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. يۇنېسكو، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، 2021- يىلىدىكى خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش كۈنلىرى تىزىملىكىگە يۇنۇس ئەمرەنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 700 يىللىقىنى خاتىرىلەشنىمۇ كىرگۈزدى ۋە بۇ يىلنى پۈتكۈل دۇنيادا «يۇنۇس ئەمرە يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. يۇنۇس ئەمرە تۇغۇلغانلىقىنىڭ 750- خاتىرە يىلىمۇ 1991-يىلى يۇنېسكونىڭ خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش كۈنلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

يۇنۇس ئەمرە تىل، دىن ۋە ئىرقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ساپ تۈرك تىلىدىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىنسان ۋە تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەت، كەڭ قورساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە تىنچلىق ئۇقۇمىنى چۈشەندۈردى. ئۇ «يەتمىش ئىككى مىللەتكە بىر كۆز بىلەن قاراش» پىرىنسىپى ۋە دۇنياۋى ئىنسانىي قىممەت قاراشنى ئاساس قىلغان پەلسەپىسى بىلەن دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىكىگە ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئورتاق قىممەت قاراشلار ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن بىر شائىرغا ئايلانغانىدى.

نۇرغۇنلىرى نوتىلاشتۇرۇلغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى، ھەر دائىم چەت ئەللىك سەنئەتكارلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى. ئۇنىڭ «ھەقتىن كەلگەن شەربەتى» ناملىق شېئىرى گراممى مۇكاپاتى ساھىبى كرىستوفىر تىن تەرىپىدىن 2013- يىلى نوتىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسەر جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ جوناتان گىرىف خور ئۆمىكى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا ئورۇنلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر