ترابزون ئاياسوفيا مۇزېيى
دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ترابزون ئاياسوفيا مۇزېيى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
ترابزوندىكى ئاياسوفيا مۇزېيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىپ، 2020 – يىلى قايتىدىن زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟
ترابزوندىكى ئاياسوفيا مۇزېيى 1250 – يىلى 1260 – يىللىرى ئارىلىقىدا سېلىنغان بىر موناستىر چېركاۋى بولۇپ، كېيىنكى دەۋر ۋىزانتىيە چېركاۋلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاياسوفيا، 1461- يىلى رايون ئوسمانلىلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى ساقلاپ قالغان، 1670 – يىلى ئېھتىياجغا ئاساسەن جامەگە ئۆزگەرتىلگەن.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامبار ، دوختۇرخانا ۋە كېيىنچە جامە قىلىپ ئىشلىتىلگەن ئاياسوفيا، 1958 - 1962-يىللىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ 1964-يىلى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇپ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.
ئاياسوفيا تارىخىي قىممىتى بىلەن بىرلىكتە سەنئەت تارىخى نۇقتىسىدىنمۇ ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئابىدە سۈپىتىدە ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلىماقتا. ئاخىرقى قېتىم 2018-2020-يىللىرى ئارىسىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 2020 - يىلى 6- ئايدا قايتىدىن زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن مۇزېيى يۇقۇمغا قارىماي نۇرغۇن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.