سۈرىيەدىكى تېررورلۇق بەلۋېغى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (61)

1591354
سۈرىيەدىكى تېررورلۇق بەلۋېغى

سۈرىيەدىكى تېررورلۇق بەلۋېغى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (61)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان « سۈرىيەدىكى تېررورلۇق بەلۋېغى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تۈركىيەنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىغا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ھەممىنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تەرەپكە مەركەزلەشتۇردى. 2021-يىلى تۈركىيەنىڭ ھەم ئىراقتا ھەم سۈرىيەدە چوڭ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك نى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بولۇپمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تۈركىيە ۋە ئىراقتا زور بېسىم ئاستىدا تۇتۇلماقتا. بىراق تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرىقى پ ي د/ ي پ گ تۈركىيەگە نىسبەتەن تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تەشكىلات ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىيەدە تېرورلۇق دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

 

سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تەسىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى پ ي د/ ي پ گ بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن بۇيان دائېشقا قارشى كۈرەش نامىدا ئامېرىكانىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا مەمۇرىي قۇرۇلمىلارنى قۇرۇش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ھۆكىمىيەت رايونلىرىنى شاكىللەندۇردى. تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىچىگە ئەرەب ئېلېمېنتلىرىنىمۇ قوشۇپ، «SDG» شەمسىيەسى ئاستىدا دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ كونتىروللىقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سىجىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىرانغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بەششار ئەسەد بولسا، ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن سۈرىيەدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا قايتا ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر خىل ھەربىي، سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. بىراق ئامېرىكا توسالغۇسىغا ئۇچراپ ئۇتۇققا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. تېرورلۇق تەشكىلاتى دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋىلىپ، بۇنىڭدىن كىرىم قىلىشتىن باشقا يەنە، ئامېرىكانىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ياردىمىگىمۇ ئېرىشمەكتە. ئامېرىكا ھەتتا ئۆز نازارىتى ئاستىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن س د گ ۋە ي پ گ غا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگۈزمەكتە.

ئەمدىلىكتە  س د گ / ي پ گ نىڭ ھەربىي كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلار سۈرىيە زېمىنىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. 40 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىردىن چوڭراق رايون س د گ / ي پ گ نىڭ كونتىروللۇقىدا. بۇ رايونلارنىڭ ئىچىدە مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە سۇ بايلىقى مەنبەلىرىمۇ بار. تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا سۈرىيەنىڭ سۇغىرىلىدىغان زېمىنلىرىنىڭ %50 ى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ %70 ى ۋە سۇ زاپىسىنىڭ %95 ى مەۋجۇت.

ئامېرىكانىڭ قوغدىشى بىلەن رايوندا كۈچلىنىشكە باشلىغان ۋە سۈرىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي بايلىقىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان پ ي د / ي پ گ دەسلەپتە ئاپتونومىيەلىك، ئاندىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل تېرورلۇق دۆلىتى قۇرۇشنىڭ كويىدا بولماقتا. تۈركىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايونلارغا داۋاملىق ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى قىلىپ، كونتىروللۇقى ئاستىدىكى خەلقلەرنى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم سىياسىتى بىلەن ئىتائەتكە مەجبۇرلىماقتا. ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەنمۇ ئالاقە ئورنىتىپ، مەۋجۇتلۇقلىرىنى ساقلاپ قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئەھۋالدا تۇرماقتا.  

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى بولۇپمۇ تۈركىيە ئېلىپ بارغان  تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىدىن كېيىن، تېخىمۇ بەك نامايان بولماقتا. بىراق نە سۈرىيەنىڭ ھەقىقىتى، نە تۈكىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتىنىڭ بىر تېررور دۆلىتى قۇرىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. تۈركىيە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىدىن كېيىن 2021-يىلى بويىچە ئىراقتىن باشقا يەنەم سۈرىيەدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ،  تەشكىلاتنىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىدىكى تېل رىفات، مەنبىچ، ئاين ئەيسا ۋە تېل تەمىر قاتارلىق رايونلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان ئەرەب قەبىلىلىرى ۋە كۇردلارنى  قوللاپ تەشكىلاتنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

نەتىجىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قۇرۇلمىلارنىڭ يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، چېگرىداش قوشنا دۆلەتلەردىن سۈرىيە ۋە  ئىراقتا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش رايونى تېپالىشى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر