تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈگۈنلەر

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (60)

1586919
تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈگۈنلەر

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈگۈنلەر

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (60)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈگۈنلەر» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ** ******

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەرگە نىسبەتەن تۆت چوڭ مۇرەككەپ تۈگۈن بار. بۇلارنى  ھەل قىلماي تۇرۇپ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. S 400 مەسىلىسى بۇ تۈگۈنلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. S-400 مەسىلىسى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئەڭ ياخشى مىساللارنىڭ بىرسى. ئەسلىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن A ۋە B دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا نە تۈركىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تەلىپىنى جاۋاپسىز، مۇجەمەل تاشلاپ قويالمايتتى. نە تۈركىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ رەقىپ دۆلەت بىلەن بۇنداق سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى تۈزمىگەن بولاتتى.

ئۇنداقتا بىرىنچى بولۇپ شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك» دەپ تەرىپلىگىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن  ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ چوقۇم مەۋجۇت مۇناسىۋەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشى ياكى بۇنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بىر فورمۇلا تېپىپ چىقىشى كېرەك.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ گېرىت مودېلى دەل بۇ نۇقتىدا بىر ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئەقىللەرگە كېلىدۇ. بىراق بۇ ھەل قىلىش مۇدېلىنىڭ قانداق ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى چۈشۈنىلمىگەندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئىككىنچى يۈرۈش S-400 لەرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، گرىت مودېلىنى ئىشقا سېلىش تولىمۇ قىيىندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا  ئامېرىكانىڭ S-400 گە قارىتا ھەل قىلىش چارىسىنى بىرلا تاللاشقا تارايتىش ئارقىلىق مۇزاكىرىلىششكە ئۇرۇنۇشى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالارمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ «ھەئە» بولىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. چۈنكى S-400 نى تۈركىيەنىڭ سىرتىغا چىقىرىش فورمىلاسىنىڭ ئەنقەرە دائىرلىرى تەرىپىدىن مۇرەسسە تېمىسى قاتارىدا كۆرۈلمەيدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق. شۇڭا S-400 مەسىلىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن يېشىلمەس تۈگۈنگە ئايلانغانلىقى ۋە بۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

 

 

تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ مەسىلىسىمۇ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئېنىقسىزلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان بىر تۈگۈنگە ئايلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ يېقىندىن بۇيان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ي پ گ غا تۇتقان ھازىرقى پوزىتسىيەسىنى نەزەردە تۇتقاندا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە S-400 كەلتۈرۈپ چىقارغان يىرىكچىلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانغا ئوخشاش، تۈركىيەنى يېڭى بىر ھەربىي قەدەم تاشلاشقا مەجبۇرلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ي پ گ مەسىلىسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇشتىن ھالقىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر تۈگۈنگە ئايلاندى. خۇددى S-400 مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ بىرسىنىڭ مەۋقەسىدىن ۋاز كېچىشىنى زۆرۈر. ياكى ۋاشىنگىتون ي پ گ نى كۈچلەندۈرۈپ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان شەكىلدە ئاپتونوم رايون قۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئەنقەرەنىڭ مەۋقەسىگە يېقىنلىشىشى ۋەياكى تۈركىيە  ي پ گ غا قاراتقان مەۋقەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ ي پ گ نى ئۆزگەرتىش سىياسىتىگە يول قويىشى كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەر ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كېيىن، يېقىن كەلگۈسىدە ي پ گ مەسىلىسى ھەل بولۇپ، بۇ تۈگۈننىڭ يېشىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

S-400 ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ مەسىلىسىگە قوشۇمچە، شەرقىي ئاق دېڭىز مەسىلىسىمۇ (گەرچە ئانچە چوڭقۇرلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ) تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلىق نۇقتىلارغا ئېلىپ كېلەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان كۆك ۋەتەن تەسەۋۋۇرى تۈركىيەنىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەۋقەسىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان بولسا، ئامېرىكاغا نىسبەتەن بۇ مەۋقە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىك رايون خاراكتېرلىق گېئو-پولىتىكا مەسىلىسى سۈپىتىدە قارالماقتا. بۇ نۇقتىدا، ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدا گرېتسىيەنىڭ ھەربىي قەرزىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قەدىمى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى تارايتىش سىياسەتلىرىگە يۈزلىنىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر تۈگۈننىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماقتا. تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى گېئو پولىتىكىلىق پائالىيەت دائىرىسىنى تارايتىشى ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قىسقارتىشى كۈتۈلمەكتە. لېكىن تۈركىيەنىڭ كۆك ۋەتەن تەسەۋۋۇرىنى بويلاپ شەكىللەندۈرگەن بىرىنچى دەرىجىلىك مەنپەئەتلىرىنى مۇرەسسەگە ئېچىپ، كېلىشىپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا شەرقىي ئاق دېڭىز ئوقىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر يىرىكچىلىك ساھەسىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

بىز بايا تىلغا ئالغان مەسىلە بار ھەر قايسى ساھەلەرگە فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىنى، يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئېمبارگولارنى ۋە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان دېلولارنى قوشقاندا، مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەزكۈر پۈتۈنلۈكنىڭ ماتورى رولىنى ئويناۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈگۈنى بولسا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇشتىن تولىمۇ ئۇزاق بىر كۆرۈنۈش بەرمەكتە. ئەڭ ئاخىرىدا 54 پالاتا ئەزاسى يازغان مەكتۇبنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزەش ئارزۇسدىن بەكرەك، جازاغا تارتىش شوئارلىرىغا ۋە جازالاش تىلىغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، مۇناسىۋەتلەرگە قارا سايە تاشلاپ تۇرغان بىر پالاتا تۈگۈنىنىڭمۇ مەجۇتلىقىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە تاشقى سىياسەتنى يولغا قويىمىز»  پوزىتسىيەسىنىمۇ بۇنىڭغا قوشقاندا، پالاتانىڭ تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىشى ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېننىڭ پالاتانى يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە مەسىلىسىگە ئوخشاش دېلولارغا كۈتۈلگىنىدىن پەرقلىق پوزىتسىيەلەرنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.

تۈركىيە مەسىلىسىگە پالاتانىڭ تاشقى سىياسەت رىئاللىقى پەنجىرىسىدىن قاراشنىڭ ئورنىغا، ئامېرىكا تاشقى سىياسەت بىناكارلىقىدىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېما پەنجىرىسىدىن قاراۋاتقانلىقىمۇ بۇ ساھەدە تۈركىيەنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرىنىڭ كۆلۈمىنى پالاتانىڭ قارا سايىسى ئاستىغا ئىتتىرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر