سىنجار رايونى مەسىلىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (57)

1573668
سىنجار رايونى مەسىلىسى

 

سىنجار رايونى مەسىلىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (57)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سىنجار رايونى مەسىلىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

ئىراقنىڭ شىمالىغا شۇنداقلا تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان سىنجار رايونى يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. سىنجار دائېشقا قارشى كۈرەش نامى بىلەن  پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن چاڭگالغا كىرگۈزىۋىلىنغان ۋە بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدىكى مۇھىم تىرانسىپورت مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىر رايون. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇتلۇقى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت دەپ قارالماقتا. يېقىندىن بۇيان تەشكىلاتنى رايوندىن تازىلاش ئۈچۈن بەزى مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرمۇ كۆرۈلمەكتە.

ئىراقتا، تۈركىيە-سۈرىيە كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىنجار كەنتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان باغدات بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىشالمىغان رايون سۈپىتىدە بىلىنەتتى. رايوندا ئەزىدىيلەر ياشايدىغان بولغاچقا دۇنيانىڭمۇ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەمما 2014-يىلى دائېش تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى ئەزىدىيلەرنى نىشان قىلغان قەتلىئاملىرى ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتىن پايدىلانغان پ ك ك نىڭ رايوننى ماكان تۇتۇشى، تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى نۇقتىسىدىنمۇ رايوننىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە باشلىدى.  تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەزۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەم ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدە مۇھىم بىر ترانسپور قانىلىنى كونتىروللۇقىغا كىرگۈزىۋالغان بولدى، ھەم  بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئەزىدىيلەرنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇپ رايوننى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرۈشقا باشلىغان ئىدى. رايوندا كانتون مەمۇرىيىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا ئەزىدىيلەردىن تەشكىللىگەن «ي ب ش» قىسىملىرى ئارقىلىق رايوندىكى ھاكىمىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. بىراق ئۇلار شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق پەشمەرگە قىسىملىرى بىلەن  تۇقۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ بارغان  ھاۋا ھۇجۇملىرى پ ك ك نى بولۇشىغا ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىدى. تۈركىيە يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىخبارات تەشكىلاتى «MIT»  ئارقىلىق پ ك ك تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋاشلىرىنى بىر بىرلەپ  ئۇجۇقتۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ مەزگىلدە، ئەزىدىيلەرنىڭ پ ك ك غا قارشى پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ۋە پ ك ك نىڭ رايوندىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭمۇ تەلەپلىرى بىلەن باغدات ۋە ئەربىل ئوتتۇرىسىدا ھاشدى شابى ۋە پ ك ك غا ئوخشاش قوراللىق ئۇنسۇرلارنى رايوندىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. مەركىزى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ رايونغا كىرىشى بىلەن پ ك ك غا قاراشلىق ئۇنسۇرلار بەزى رايونلاردىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا سىنجار يېزا قىشلاقلىرىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ رايوننى پۈتۈنلەي كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك ياردەم بېرىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەلەپ قىلىنغان قەدەملەر تاشلانمايدىكەن، تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭمۇ ئھېتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

ئاخىرىدا تۈركىيە نۇقتىسىدىن سىنجارنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن تازىلىنىشى دېگەنلىك، تەشكىلاتنىڭ ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىنىڭ ئاساسەن ئۈزۈلىشى ۋە پ ك ك نىڭ يېتىم قالدۇرىلىشى، دېگەنلىك بولىدۇ. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئالدىنقى ھەپتە باغدات ۋە ئەربىلگە قىلغان زىيارىتىنىمۇ تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە سىنجار مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىش لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر