ترويا مۇزېيىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ترويا مۇزېيى – سۈنئىي مۇزېي» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1536937
ترويا مۇزېيىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز

يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇم مەزگىلىدە بىر مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ترويا مۇزېيىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق زىيارەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، تۈركىيەدىمۇ مۇزېيلارنى ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدۇ. چاناققەلئەنىڭ بەش مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە ترويا قەدىمكى شەھىرىنىڭ  كىرىش ئېغىزىدىكى ترويا مۇزېيى بۇلارنىڭ بىرى. تارقىلىشچان زۇكام ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق زىيارەت قىلىش سىستېمىسى بولمىغان ترويا مۇزېي، دۇنياۋى يۇقۇم ئېلان قىلىنىپ ئون كۈندىن كېيىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئېچىۋېتىلدى. ترويا مۇزېيىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان قىسمى، بۈگۈنگە قەدەر تەخمىنەن بىر مىليون ئادەم تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندى.

ترويا مۇزېيىدىن باشقا، ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى مۇزېيى، ئەفەس مۇزېيى، ئەنقەرە ئېتنوگرافىيە مۇزېيى، زەئۇگما موزايكا مۇزېيى، ئانتاليا مۇزېيى، گۆبەكلىتەپە قاتارلىق تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى نۇرغۇن جايلارنى www.sanalmuze.gov.tr ​​ئادرېسى ئارقىلىق ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئېكسكۇرسىيە قىلالايسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر