ئەنقەرەدىكى تەبىئەت تارىخى مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «متا مۇزېيى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1514790
ئەنقەرەدىكى تەبىئەت تارىخى مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بىر تەبىىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ تەبىئەت تارىخ مۇزېيى، 1968- يىلى ئەنقەرەدىكى مىنېرال ماددىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلدى. تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان تەبىئەت تارىخىنى بايان قىلىدىغان كۆپ ساندا تاشقاتما، تاشلار، مېنېرال ۋە كان ماددىلىرى ئەۋرىشكىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان مۇزېي ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، بىرىنچى بولۇپ «ئالەمگە ساياھەت قىلىش» ناملىق  كىرىش قەۋىتى زىيارەتچىلىرىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ يەردە قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش، ئاي تېشى، چاقماق تېشى ۋە مېتېئورىتلارنى كۆرۈش پۇرسىتى بار. ئۆتمۈشتىكى جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى بولغان ئومۇرتقىلىق ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقاتمىلىرى، 140 مىليون بۇرۇنقى گۆشخور دىنوزاۋرلار، ماراش پىلى ۋە كىت ئىسكىلىتى مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە قويۇلغاندۇر. يەنە بۇ قەۋەتتە تۈركىيەنىڭ ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن تارىختىن بۇرۇنقى ئىنشانلار ئىشلەتكەن سايمانلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بىر بۆلۈممۇ بار. تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مىنېرال ماددىلار، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە تاش ئەۋرىشكىلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى كانچىلىق تارىخىغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى مۇزېينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەما زىيارەتچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئالاھىدە بۆلمىسى بىلەنمۇ، بۇ مۇزېي تۈركىيەدە تۇنجى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر