تۈركسوي - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تۈركسوينىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ھەققىدە.

1488055
تۈركسوي - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

2020 – يىلى 4 – سېنتەبىر كۈنى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تۈركسوي بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى مەزمۇن قىلىنغان «تۈركسوي-ئۆزبېكىستان كىتابى» ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، تۈركسوي باش كاتىپى دۇسېن كاسېينوۋ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرى ئوزودبېك نازاربېكوۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ، باش ئەلچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىپلوماتلار قاتناشتى. يىغىندا، ئۆزبېكىستان سەنئەتچىلىرىنىڭ تۈركسوينىڭ پائالىيەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركسوي قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە مەدەنىيەت ساھەسىدە تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك يۈزلىگەن پائالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ UNESCO سى بولغان تۈركسوي، ھەم تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، ھەمدە تۈرك مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى 1993-يىلى 12 – ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە تۈركسوينىڭ قۇرۇلۇش ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى. لېكىن، ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن، تۈركسوينىڭ باش كاتىبات باشقارمىسىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەكىلى يوقتۇر.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، 2018-يىلى 3 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك تۈر كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، UNESCO  نىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» دىكى ھىۋە شەھىرىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ تەكلىپ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ھىۋە شەھىرى «2020-يىللىق تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى» ئېلان قىلىندى. ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ مۇھىم تەشەببۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈركسوي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلىشىمىز كېرەككى، گەرچە تۈركسوي باش كاتىبات باشقارمىسىدا ئۆزبېكىستان ۋەكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلات ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتچىلەر، رەسساملار، بىناكارلار ۋە ئەدەبىياتچىلار قاتارلىق كەسپىي ۋەكىللەرنى ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ھەمىشە تەكلىپ قىلىپ كەلدى. تۈركسوينىڭ باش مەركىزىدە، ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئابدۇللاھ قادىرى قاتارلىق ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر شەخسلەر ئۈچۈن كونفېرانسلار ئۆتكۈزۈلدى. 2017-يىلى، ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى شۈكرۇللا، تۈركسويمۇ ئۇيۇشتۇرغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان «تۈرك دۇنياسى يىلنىڭ ئەدەبىيات ئەربابى مۇكاپاتى» غا لايىقن كۆرۈلدى. تۈركسوي باش كاتىپى دۇسېن كاسسېينوۋمۇ ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، تۈركسوي قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركسوينىڭ باش كاتىبات باشقارمىسىدا ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى لەپىلدىتىلمەكتە.

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆزبېكىستان تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، تۈركسوي بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىشقا باشلىدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزبېكىستان مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە مۇھىم شەخسلىرىنى يېقىندىن بىلىشكە ئېھتىياجى باردۇر. ئۆزبېكىستان ۋەكىلىنىڭ تۈركسوي باش كاتىبات باشقارمىسىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تۈركسويدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر تەشكىلاتقا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى 14 دۆلەتنىڭ تىللىرىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنسا، ھەمدە بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردا ئېلان قىلىنسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ يېقىنلىشىشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. شۇنداقلا، تۈركسوي مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىشقا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىمەن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر