تاختا قۇشلار ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تاختا قۇشلار ئېتنوگرافىيە مۇزېيى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1466706
تاختا قۇشلار ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاز (غاز) تاغلىرىدا تۈركىيەنىڭ تۇنجى شەخسىي ئېتنوگرافىيە مۇزېيىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بالىكەسىرنىڭ ئەدرەمىت ناھىيەسىگە قاراشلىق تاختاقۇشلار يېزىسىدا شەخسىي ئېتنوگرافىيە مۇزېيى بار. تاختاقۇشلار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئالىبەي قۇدارنىڭ تۈركمەن مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن قۇرغان مۇزېيدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ياغاچچى تۈركمەنلەرنڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركمەنلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ئۈلگىلىك بىر چېدىر ، بۇرۇنقى چاغلاردا ئىشلىتىلگەن ئائىلە بۇيۇملىرى ، تۈركمەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ، پۇل خالتىلىرى ، ئېگەرلەر ۋە گىلەم قاتارلىقلار بار. مۇزېي ئىچىدىكى خانىلەرنىڭ بىرى ئالاھىدە سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا ئاجىرىتىلغان.

مۇزېيدىكى دىققەتنى ئەڭ كۈچلۈك جەلىپ قىلىدىغىنى بولسا، دۇنيادا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئىچى تولدۇرۇلغان ئەڭ چوڭ تېرە سىرتلىق دېڭىز تاشپاقىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە ، جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقىدا ياشايدىغان تاشپاقا يولىنى ئادىشىپ ئەگە دېڭىزىغا تۇيۇقسىز كېلىپ قالغان، 1997-يىلى بېلىقچىلارنىڭ تورىغا ئىلىنىپ قېلىپ ئۆلگەن. ئېغىرلىقى 360 كىلوگىرام ، ئۇزۇنلۇقى 197 سانتىمېتىر كېلىدىغان دېڭىز تاشپاقىسى بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى ئالاھىدە ماددا بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. پاراخوت پىرقىرىغۇچىغا سوقۇلۇپ كېتىپ يارىلانغان 105 ياشلىق يەنە بىر دېڭىز تاشپاقىسىمۇ چوڭ تاشپاقىنىڭ يېنىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر