بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار

ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز.

1377575
بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار

بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  ئەئراف سۈرىسى، 160 – 163 – ئايەتلەر. ئۇلار (يەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىشلىرى بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى[160]. ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق[161]. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق[162]. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز[163].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر