ئامېرىكا-تالىبان كېلىشىمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا (1)

2020-يىلى 29-فېۋرال (شەنبە) قاتار پايتەختى دوھادا ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد بىلەن تالىباننىڭ سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى موللا ئابدۇلغەنى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

1372061
ئامېرىكا-تالىبان كېلىشىمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا (1)

ئامېرىكا-تالىبان كېلىشىمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا (1)

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ئافغانىستانغا ئورۇنلاشقان ئەسكەرلەر سانىنى 135 كۈن ئىچىدە 8600 گە قىسقارتىدۇ. تالىبان كېلىشىمگە بويسۇنغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى 14 ئاي ئىچىدە بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا مەھبۇسلار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ. تالىباننىڭ 5 مىڭ ئەزاسى، تالىباندىكى قارشى تەرەپنىڭ مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇسى، ئافغانىستاندا سىياسىي دىيالوگ باشلىنىدىغان 2020-يىلى 10-مارتقىچە قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئۇنداقتا، تالىبان قانداق تەشكىلات؟ قاچان قۇرۇلدى؟ ئامېرىكا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئافغانىستانديىن چىقىپ كەتمىدى؟

«كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، يۇقىرىدىكى سوئاللار بويىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر