نىكاھ - بىر ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە توختامدۇر

«جۈمە خۇتبىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيە مىقياسىدىكى ھەر قايسى جامەلەردە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان بۈگۈنكى «نىكاھ - بىر ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە توختامدۇر» ماۋزۇلۇق خۇتبىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

664999
نىكاھ  - بىر ئەھدىنامە، شەرتنامە ۋە توختامدۇر

قال الله تعالى: «يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا»

وقال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «أَكْمَلُ الْمُؤْمِنِينَ إِيمَانًا أَحْسَنُهُمْ خُلُقًا وَخِيَارُكُمْ خِيَارُكُمْ لِنِسَائِهِمْ خُلُقًا»

ئېزىز مۆمىنلەر! ئۇلۇغ رەببىمىز يۇقىرىدىكى ئايەتى كەرىمەسىدە: « ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.» (نىسا سۈرىسى، 1- ئايەت) دېسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ھەدىسى شەرىپىدە «مۆمىنلەرنىڭ ئىمان جەھەتتىكى ئەڭ تاكامۇللاشقىنى ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغىنىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭلاردۇر» (تىرمىزى، رەدائ – 11) دەيدۇ.

قېرىنداشلىرىم! ئۇلۇغ رەببىمىز، نىسا سۈرىسىدە  «وَأَخَذْنَ مِنكُم مِّيثَاقًا غَلِيظًا» دەيدۇ. يەنى، ئاللاھ تائالا، ئەر – خوتۇنلار تۇرمۇش قۇرغان چاغدىكى نىكاھ ئەقدىدە – توختامىدا بىر – بىرلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى <مىساق> دەپ ئاتىدى. مىساق شۇنچىلىك مۇھىم، مەسئۇلىيىتى شۇنچىلىك ئېغىر بىر ئۇقۇمدۇركى، رەببىمىز ئۆزىگە بەرگەن قۇللۇق ۋەدىمىزنىمۇ <مىساق> دەپ ئاتىغاندۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرنى ھىدايەتكە چاقىرىش ۋە ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىش توغرىسىدا ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسىمۇ <مىساق> دەپ ئاتىدى.

ئېزىز قېرىنداشلىرىم! نىكاھ، پەقەت ئىككى تەننى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان شەكلىي ئەنئەنە ئەمەس. نىكاھ، ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ نامىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ، بىر ئۆمۈرنى ئورتاقلىشىش بويىچە بىر – بىرلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. نىكاھ، ھەم بىر توختام، ھەم بىر شەرتنامە، ھەم بىر مىساق (ئەھدىنامە) تۇر. نىكاھ توختام بولۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزگە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. شەرتنامە ياكى كېلىشىم بولۇش نۇقتىسىدىن بىزنى قانۇنىي جاۋابكارلىق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەھدىنامە بولۇش نۇقتىسىدىن بولسا، ئەر – خوتۇنلارنىڭ پەقەت بىر – بىرىگىلا ئەمەس، ئوخشاشلا جانابى ئاللاھقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بارلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

قېرىنداشلىرىم! نىكاھتىكى ئەھدىنامە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇل – ئاساسى ساداقەتنى چىقىش قىلىدۇ. ئائىلە بولۇش، ياخشى – يامان كۈنلەردە، قول ئىلكىدە بار ۋە يوق چاغلاردا بىر – بىرلىرىگە سادىق بولۇشلىرىنى، بىر – بىرلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئائىلىنىڭ نېگىزىدە ئامانەت ئېڭىغا ئىگە بولۇش ياتىدۇ. چۈنكى، ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. ئۇلار، نىكاھ ئارقىلىق بىر – بىرلىرىگە ۋەدە بەرگىنىدە، ئەسلىدە ئامانەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن بولىدۇ؛ ئۆزىگە ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر مەۋجۇتلۇق بولغان جۈپتىنىڭ دىلىنى چەگمەيدىغانلىقىنى، غۇرۇرىغا تەگمەيدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە قەتئىي خىيانەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولىدۇ.

«وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً» دېگەن ئايەتى كەرىمەدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئائىلىنىڭ نېگىزىدە مېھرى – مۇھەببەت – مەرھەمەت ياتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ خىل گۈزەللىكلەر بىلەن بېزەلگەن بىر ئائىلە، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ ئائىلە ئۆز مەنسۇپلىرى ئۈچۈن گويا بىر جەننەتكە ئايلىنىدۇ.

قېرىنداشلىرىم! ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇكى، ساداقەت ۋە مېھرى – مۇھەببەت ئارقىلىق جەننەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك بولغان نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئاڭسىزلىق بىلەن بىر ئازاب دىيارىغا ئايلاندۇرۇلماقتا. بەزى ئەر - خوتۇنلار، ۋابالى ناھايىتى ئېغىر بولىدىغان ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىش پەزىلىتىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىتىپ قويۇشماقتا. بەزىلەر، ئامانەتكە ئىگە چىقىش ئەخلاقىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئايرىلىپ قالماقتا. ۋەدىلەر بېرىلىپ، قەسەملەر قىلىنىپ قۇرۇلغان كۆپلىگەن ئائىلىلەر ساداقەتسىزلىك، مېھىر – مۇھەببەتسىزلىك، مەرھەمەتسىزلىك گىردابىدا ۋەيران بولماقتا. ھالبۇكى، مۆمىن سۆيگۈ، شەپقەت ۋە مېھرى – مۇھەببەتنى ئۆزىگە يولباشچى قىلغان كىشى ئىدى؛ مۆمىن ئۇلۇغ كىتابىمىزنىڭ تەبىرى بويىچە «وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ» يەنى، ئۇلار ئەھدىگە خىلاپلىق، ئامانەتلىرىگە خىيانەت قىلمايدىغان كىشىلەر (مۆئمىنۇن سۈرىسى 8 – ئايەت) ئىدى.

ئېزىز قېرىنداشلىرىم! ئائىلە مۇئەسسەسىسىنىڭ زامانىمىزدا ھەر خىل خەۋپلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. بولۇپمۇ بەزى جەھەتلەردە ئائىلە مەھرەمىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە نىكاھسىز بىرلىكتە بولۇش قىلمىشلىرىنىڭ گويا سىڭدۈرۈلۈشى، ئائىلە چۈشەنچىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزدا ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۆيلەندۈرۈش، دېگەن نام ئاستىدا تارقىتىلىۋاتقان بەزى پىروگراممىلاردا بولسا، ئائىلە قىممەت – قاراشلىرى سۇيىئىستېمال ۋە دەپسەندە قىلىنىپ، ئائىلە مۇئەسسەسەسى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خىيانەت قىلىش، بۇزۇلۇش، مۇشتۇمزورلۇق قىلىش دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى سادىر بولغان جىنايى قىلمىش، قارايغان ھايات، چۇۋۇلغان ئۇۋا، ئۈزۈلگەن ئۈمىدلەرنىڭ سانى سەل قاراشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپتۇر.

تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل سەلبىيلىكلەر پەيدا قىلغان كۈلپەتلەر ھەممىدىن بەك بىغۇبار بالىلار ۋە ئاياللارغا ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، 2015 – يىلى دۆلىتىمىزدە (تۈركىيەدە) 609 مىڭ 982 جۈپ ئەر - ئايال ئۆيلەنگەن بولسا، 131 مىڭ 830 جۈپ ئەر – خوتۇن ئاجراشتى. بۇ ئاجرىشىش ئاقىۋىتىدە، 109 مىڭ 978 بالا ئانا مېھرىدىن، ئاتا مەرھەمىتىدىن مەھرۇم قىلىندى.

قېرىنداشلىرىم! ئائىلىدە ساداقەت ۋە مېھرى – مۇھەببەتنى ئاساسىي شوئار قىلغان بىر دىننىڭ مۆمىنلىرى ئۈچۈن، بۇ سانلار ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنداقتا كېلىڭلار، رەببىمىزنىڭ كاتتا نېمىتى بولغان ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە مېھرى – مۇھەببەت باغلىرىمىزغا يەنى ئائىلىلىرىمىزگە ئىگە چىقايلى، ئامانەتلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلايلى، ئاياللىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى قىلايلى. شۇنداقلا بۇ مۇبارەك جۈمە ۋاقتىدا ئائىلىلىرىمىزنى قۇرغاندا قىلغان دۇئالىرىمىز بىلەن پەرۋەردىگارىمىزغا ھەممىمىز بىرلىكتە مۇنداق ئىلتىجا قىلايلى:

رەببىمىز! ئائىلىلىرىمىزگە مېھرى – مۇھەببەت، ھۆرمەت، ساداقەت، ئامان – ئېسەنلىك ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن! ئائىلىلىرىمىزگە مۇھەببەت ۋە ئۆزئارا رىشتە تۇيغۇسى بېغىشلىغىن، ئۇۋىلىرىمىزغا ئۆچمەنلىك، پىتنە، خىيانەت ۋە بۆلۈنۈشنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغىن. بىزگە ئادەم بىلەن ھەۋۋا، پەيغەمبىرىمىز بىلەن خەدىجە ئانىمىز، ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمە ئانىمىزنىڭ ئارىسىدىكى خاتىرجەملىك ۋە بەخت – سائادەتنى ئاتا قىلغىن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر