مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى خاتىرلەش كۈنى

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيمىز.

632575
مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى خاتىرلەش كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن 2016 – يىلى 17 – دېكابىر مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى خاتىرلەش كۈنى

ئانادولۇنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن دىنى رەھبىرى ۋە شائىرلىرىدىن بىرسى  بولغان مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى رەھمەت تېلەكلىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز.

ئۇنىڭ سۆزى بويىچە «ئۆلۈم كۈنى؛ سۆيگۈنىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان كۈن» بولۇپ، ئۇ بۇ كۈندە يىغلاش ۋە ئازابلىنىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئانادولۇ ساماسىدا ياڭرىغان ئەقىل دۇردانىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغۇز بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ تۆتلى ئەتراپىدا كەڭ ياڭرىماقتا. ھەر يىلى 17 – دېكابىر كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەببى ئارۇز» مۇراسىملىرىغا دۇنيانىڭ ھەمىلا ئەتراپىدىن مىڭلىغان كىشى ئۇنىڭ «مەيلى كىم بولىشىڭدىن قەتئىي نەزەر يەنە كەل!» دېگەن چارىقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، بەس – بەستە ئىشتىراك قىلماقتا. 

مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان پەلسەپەسى دۇنيايىمىزنى يورۇتۇپ كەلمەكتە. بىز مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيمىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر