ئۇيغۇرچە ئەنئەنىدىكى ئەۋزەللىك

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ياشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زامانىۋى يۈزلىنىش ۋە ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەر توقۇنۇشى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە...

615056
ئۇيغۇرچە ئەنئەنىدىكى ئەۋزەللىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ياشلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋەتەندىن كېلىپ پات-پات يانلىرىدا بولۇشلىرىدىن نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەجرىبىلىك مومىلارنىڭ ۋە كۆيۈمچان بوۋىلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە پەرۋىش قىلىنىشى، يېتەكلىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشى بولدى. ئۇزاقتىن بېرى، تۇغۇتتا قانداق قىلىشتىن ئەنسىرەپ بالىلىق بولالمايۋاتقان، ئائىلىدە پەرزەنتلىرىگە قارايدىغان بىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقان ياشلار تەشۋىشتىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا پەرزەنتلىك بولۇش ئويلىرى تۇغۇلۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە بوۋاقلار كەينى-كەينىدىن تۇغۇلدى. كېلىنلەر ھۇزۇرلۇق كۈتۈندى ۋە  ئاسانراق ئۆزىگە كېلىشتى. كۇيئوغۇللارمۇ ئائىلە غەملىرىدىن ئازاد بولۇپ، خاتىرجەم ئىشلىرىغا مەشغۇل بولۇشتى. ئەمما، ئارىدا يېقىمسىز قىستۇرما كۈيلەرمۇ ئاڭلانماي قالمىدى. بۇ، بوۋاقلارنىڭ ئانىنى ياكى «كالىنى» ئىمىشى، ئايرىم ھۇجرىسى بولۇش-بولماسلىقى،  ئانىسى بىلەن ئۇخلىشى ياكى يالغۇز ئۇخلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى زىددىيەت ئىدى.

شەھەرلەردىكى تۈركلەر ئارىسىدا بالىلارنى تۇغۇلغان بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ ئايرىم ئۆيدە ۋە ئايرىم كارىۋاتتا ئۇخلىتىش ئادەتكە ئايلانغان. ئانىلار ھامىلىدار بولغان كۈندىن باشلاپ بوۋاق ھۇجرىسىنى بېزەشكە باشلايدۇ. مەخسۇس بوۋاق ھۇجرىسىنى بېزەيدىغان شىركەتلەر، مەھسۇلاتلار ۋە ئۇستىلار بولۇپ، ئۇلار بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ خېرىدارلىق قىلىشلىرىنى كۈتىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا كۆنگەن ۋە بۇنداق كۆنۈشنى تەبىئىيلىك، زامانىۋىيلىق ۋە مەدەنىيىلىك دەپ قوبۇل قىلىشقان. ۋەتەندىن چىققان ئاتا-ئانىلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارغا مەخسۇس ھۇجرا تەييارلاش، جابدۇق ۋە بېزەكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئارتۇقچە ئىسراپچىلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەۋلاد بوشلۇقى ۋە تۈرلۈك ئوخشىمايدىغان قاراشلار سەۋەبىدىن زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

تۈركىيەدە بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن، ۋەتەندىن كەلگەن چوڭلار ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان ياشلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئاتا-ئانىلار: «بىزمۇ سىلەرنى پوكىنىمىزغا بېسىپ، بىر ئورۇندا يېتىپ چوڭ قىلغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلاتقان نەدە بار» دەپ قەتئىي قارشىلىق قىلىدۇ. ياشلار: «سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا ۋەتەندە ئۆيلەر كىچىك، شارائىت يوق ئىدى، بۇ دېگەن تۈركىيە، شۇڭا مۇشۇنداق قىلىمىز» دەپ ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئاغزىغا كەلگەنچە بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلىتىشنىڭ ئىلمىيلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا، بەزىدە باتنامچى ياشلار ئۆزىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئاجىزلىقىنى، زىيادە ئېھتىياتچانلىقنى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كىچىكىدىن ئايرىپ ياتقۇزمىغانلىقىغا دۆڭگەپ،«بۇ كەمتۈكلۈكنى بالامغا مىراس قالدۇرمايمەن» دەپ باقىدۇ.

تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ ئانا-بالىنى بىرگە ياكى ئايرىپ ئۇخلىتىش ھەققىدىكى باشقا قاراشلىرىغا باھا بەرمىگەندىمۇ، بۇنىڭ ئىلىمگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئانا-بالىنىڭ ئايرىم ئۇخلىشى ئەڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئامېرىكىدا، بۇ ئادەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە تېخى ئاران 200 يىللار بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما، بۇ مۇستەقىللىقنى، خاسلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، ئىلىمىيلىك بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناسلاردىن ۋېلىيام ھاۋىلەند ۋە ھارولد پرىنسلار تۈزگەن «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە، بۇ ئەنئەنىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئامېرىكىلىقلاردىكى مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىنى قاپلىغان ئىستېمالچىلىق دولقۇنى تۈرتكە بولغان ئىكەن. دەسلەپتە مۇستەقىللىققە تەشنا ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىدا باشقىلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالايدىغان ئادەتنى بوۋاقلىقىدىن يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم ئۆي، كارىۋات، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا موھتاج بولغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئېھتىياج بايقىلىپ كەسىپ بولۇپ تەرەققىي قىلغان ۋە قاندۇرۇلغان، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجنى يېتەكلىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا يېيىلغان.

يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى ئايرىلىپ ئوخلىغىنىدىن ئەۋزەلكەن. بىللە ئۇخلاش بوۋاقنىڭ يىغىسىنى كۆرۈنەرلىك ئازلىتىدىكەن. ئانىنىڭ بوۋاق بىلەن ئۇخلىشى نەتىجسىدە بالىنىڭ كۆپرەك ئىمىشىگە شارائىت يارىتىلىدىكەن. ئانىلار بوۋاقلادىن ئايرىم ئۇخلىغاندا سۈت تالقىنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا ئالىمىشىدىكەن، -دە، بالىلار شورىمىسىمۇ چىقىدىغان سوسكىغا كۆنۈۋېلىپ ئانىسىنى ئەممەس بولۇپ قالىدىكەن. ئايرىپ ئۇخلىتىلغاندا، بالا ئانا پۇرىقىنى ئالالماي ئەنسىزلىكتە ئۇخلىمايدىكەن، ھەتتا تەسادىپىي ئۆلۈپ كېتىش كېسىلى بولىدىكەن. ئانا-بالا بىللە ئۇخلىغاندا، ئىمىتىلىش سانى كۆپىيىپ بالىنىڭ مېڭىسىدە قوبۇل قىلىنىدىغان غىدىقلىنىش ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەن. ئامېرىكىدا بوۋاقلارنىڭ «تۆشىكىدە تۈگەپ كېتىش» (SIDS) كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىكەن.   

  «SIDS» ئامېرىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، 4-6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا، سائەت نۆلدىن توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ تەسادىپىي ئۆلۈپ كېتىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بوۋاقنىڭ يېنىدا بىللە ئۇخلايدىغان كىشى بولمىغان شارائىتتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. ئادەتتە بوۋاق ئۇخلاۋېتىپ نەپەس ئېلىشى تۇيۇقسىز قىيىنىلىشتىن ئۆلۈم كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ كېسەل تەرەققىي قىلغان ئەللەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا 2011-يىلى بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان 3-خەتەرلىك كېسەل بولۇپ قالغان. بوۋاقلارنى ئايرىپ ئۇخلاتقاندا بەزىلەر ئويغىنىپ كەتمسۇن ئۈچۈن يۆگەككە چىڭ تېڭىپ قويىدۇ. بۇمۇ «تۆشەكتە تۈگەپ كېتىش» نىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىكەن.

ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى «تۆشەكتە تۈگەپ كېتىش» نى ئازايتقاندىن باشقا، ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن، ھەددىدىن زىيادە بۇرۇن تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى توسىدىكەن، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىق ۋە كۈتۈنۈش مەزگىلىدە يىغىۋالغان ئارتۇقچە «يۈك» لىرىنى يەڭگىللىتىدىكەن. بەزى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇيقۇسىزلىقمۇ بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. بوۋىقى بىلەن بىللە ئۇخلىمىغان ئانىلار ئەنسىزلىكتە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كىرىشەلمەيدىكەن. بوۋاقلار مەلۇم مەزگىلگىچە تولا ئويغىنىدىغان بولغاچقا، ئانىدىكى ئەنسىزلىك ئۇزاق داۋاملاشسا ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ئوخشاش كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىكى يۇقارقى زىددىيەتنىڭ مەنبەسىدە زامانىۋى يۈزلىنىش بىلەن ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرنىڭ توقۇنۇشى ياتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش ياكى ئانا قوينىدا ياتقۇزۇش مەسىلىسىدە مۇۋاپىق بولغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەنچىسى بولۇپ چىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگەنلىك بالىلارغا زادى ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تۆشەكتە تۈگەپ كېتىش» خەتىرى بوۋاق بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاساسەن يۈز بەرمەيدىكەن. شۇڭا، بۇنداق خەتەرلىك مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا، ئۆز كىيىملىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا، ئۆز ۋاقتىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا كۆندۈرۈش شەكسىز بىر زۆرۈرىيەتتۇر.

يۇقارقى زىددىيەت ۋە يېشىم بىزگە پۈتۈنلەي زامانىۋى تۇرمۇشقا ياندىشىپ ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەردىن گۇمانسىراشنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. مەلۇمكى، زامانىۋىيلىق كىشىلەرگە تۈرلۈك قولايلىقلارنى ئاتا قىلغاندىن باشقا، بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنىمۇ مودا، ئىلغارلىق، تەرەققىيات سۈپىتىدە تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرۋەتتى. ھادىسىلەر، پىكىرلەر ۋە ئۇچۇرلار تېزلىكتە يامىراۋاتقان، ئىقتىسادتىن تارتىپ مەدەنىيەتكىچە شىددەتلىك يەر شارىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىر قىسىم تەركىپلەر زامانىۋىيلىقنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ قالدى. بۇ ھالدا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت قورغانلىرىنى قانداق ساقلاپ قىلىش- تەپەككۇر، تەدبىر ۋە ئاقىللىق تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر