تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا ئەۋلاد بوشلۇقى

ئەۋلاد بوشلۇقى، پەرقلىق ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش، ئويلاش، ياشاش، كۆنۈش ۋە سۆزلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىماسلىقلاردۇر.

607322
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا ئەۋلاد بوشلۇقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن يېڭى چىققان چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئامىللار بار. بۇلارنىڭ بىرى ئەۋلاد بوشلۇقى. ئەۋلاد بوشلۇقى دېگىنىمىز- پەرقلىق ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش، ئويلاش، ياشاش، كۆنۈش ۋە سۆزلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىماسلىقلارغا قارىتىلغان. ئىككى ئەلدە ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلاردا ئەۋلاد بوشلۇقى بىر يەردە بىللە ياشاۋاتقان ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىن زور بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئەۋلاد بوشلۇقى يېقىنقى بىر مەزگىلدە شىددەتلىك كۈچىيىپ كەتتى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوللىنىۋاتقان تىلنىڭ ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا ئۆزگىرىشى، ئىدارىلەردە قوللىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋاقتىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتىغا ئالمىشىشى، مەمۇرىيەتتە ئۇيغۇرچە ھۆججەت، جەدېۋەل ۋە پىروگراممىلارنىڭ غايىپ بولۇشى، ئۇيغۇرچىنىڭ قەبرىستانلىقتا ئەڭ يوغان ۋە مۇكەممەل ساقلىنىپ  قېلىشى ئۇيغۇرچە بىلەن ياشاپ كەلگەن بىر ئەۋلادتا كۈچلۈك مەھرۇملۇق، غېرىپلىق، ئۈمىدسىزلىك، ئىنكارچىلىق، ئۆتمۈشنى سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى پەيدا قىلدى.

ۋەتەندىن يېڭى چىققان بۇ ئاتا-ئانىلار ئەسلىدىنلا ۋەتەندە شۈمشەيگەن  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، تىلىغا ۋە دىنىغا قىيالماسلىق؛ خەنزۇچىغا يېتىشەلمەسلىك، چۈشىنەلمەسلىك، كۆنەلمەسلىكتەك مۇرەككەپ ھىسسىياتنى يۈدۈپ، ئۆزىدىن پەرقلىنىپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇرچە ياشاشقا ئۈمىد باغلاپ مۇساپىرەتنى تاللىغان بولغاچقا، تۈركىيەدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن دەسلەپتە خېلىلا ئەندىكىدۇخخ. بۇنىڭ ئىچىدە نەۋرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەسلىكى، پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىلىرىدا شەكىللىنىپ قالغان ئىپادىلەش، چۈشىنىش ۋە ئادەتلىنىش پەرقى چوڭلارنى ئەندىكتۈرگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

تۈركىيەگە ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى قېرى-ياش، ياغلىقلىق-ياغلىقسىز ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشى بولسا كېرەك. ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى تاماكا، ھاراققا بولغان رىغبەتنى قوبۇل قىلالماي چىققان ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارغا، تۈرك خانىملارنىڭ تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ مېڭىشلىرى ئاجايىپ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدىكى جاراڭلاپ تۇرىدىغان مۇڭلۇق ئەزان ساداسىدىن ئەجدادلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىغا قايتقاندەك بولۇپ روھلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما، شۇ ئەزان ياڭرىغان بامداتتا مەسچىتكە چىققان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تۈركلەرنىڭ سەھەردە ئۇخلىشى «ئەتىگەن قوپقان ئىبادەت»، «يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن»، «كۈن چىققىچە ئۇخلىسا، قان-يىرىڭ ئىچىدە ئۇخلىغاندەك بولىدۇ»، «سەھەر تۇرمىسا رىزقى كەم بولىدۇ» دېگەندەك ئۆگۈتلەرگە چىنپۈتىدىغان چوڭلىرىمىز توغرا كۆرمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، تۈركىيەدە چايخانىلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئەتىدىن كەچكىچە ئاۋاتلىقىمۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنى تۈركىيەدىكى پۇلسىزلىق، ئىشسىزلىق ۋە تېخنىكىسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتى نۇقتىسىدىن چۈشەنمەي خىتايدىكى تەشۋىقاتلاردا كۆندۈرۈلگىنى بويىچە «تۈركلەرمۇ بىزدەك ھۇرۇنكەن» دېگەن يەكۈننى چىقارماي قالمايدۇ. ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك غەلىتە ۋە تەئەججۈپلىك تۇيۇلغىنى تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىنى توغرا چۈشىنىشى، نەۋرىلىرىگە ئۇيغۇرچە تىل ۋە ئادەتلەرنى ئۆگەتمەسلىكى، تۈركچە سەھەر تۇرماسلىق ئادىتىدۇر.

تىلدا ئىپادىلەش ۋە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش مەسىلىسىمۇ تۈركىيەدىكى چوڭلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى چوڭايتىۋەتكەن ئامىللار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا تۇغقان تىل بولغاچقا سۆزلىگەندە قېتىلىپ قېلىش ۋە ئارىلاشتۇرۇش دائىم ئۇچرايدۇ. يەنە بىرى، تۈركىيەدە ئۇزاقراق تۇرغان كىشىلەردە تۈركچە سۆز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھۇشيارلىق ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تىلنى ئاسان ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈش، قوشنىدارچلىق قىلىش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىش ئارقىلىق جاھاندىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇ ئەسلىدىنلا تۈركچە ئارقىلىق جاھاننى چۈشىنىدىغان، ئىككى تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ  سۆزلەيدىغان بالىلار بىلەن ئارىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى بەزى سۆزلەر ئاڭلىماققا ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن، مەنىسىدە بەك چوڭ پەرق بار. مەسىلەن، چەكمەك، ياقماق، سالماق، ئائىت، كار ۋە چۆپ قاتارلىق سۆزلەر. بۇ سۆزلەر تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىغا ئورتاق بولغان بىلەن مەنىسىدە ئوخشىماسلىق بار. مەسىلەن، «ئائىت» تۈركچىدە «مەنسۇپ» مەنىسىنى، ئۇيغۇرچىدا «ھەققىدە» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «تەرەددۇت» سۆزى ئۇيغۇرچە «تەييارلىق» مەنىسىنى بىلدۈرسە، تۈركىيە تۈركچىسىدە «ئىككىلىنىش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇنداق ئازغىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەر ئۆز-ئارا خاتا چۈشىنىشكە سەۋەب بولىدۇ.

تۈركىيەدە بىر ئورگان جامائەت پىكىرىنىڭ يۆنۈلۈشىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا تۈرك جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر، پەرقلىق ئېقىملار، ئۆزگىچە چۈشەنچىلەر تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، ۋەتەندە «تەشۋىقات كومىتېتى» دېگەن ئورگان جامائەت پىكرىنى، خەلقنىڭ چۈشەنچىسىنى كونترول قىلىپ، بىر ئاساسىي ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئاساسىي ئېقىمغا مەنسۇپ بولمىغان، يانداشمىغان ۋە زىت كەلگەن پىكىرلەر ئۈن چىقارمىغان تەقدىردىمۇ دۈشمەنگە چىقىرىلىپ، مەۋجۇدلۇق ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر بۇ سەۋەبتىن ھەممە نەرسىنى «ئىنقىلابىي» ۋە «ئەكسىلئىنقىلابىي» دېگەن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ چۈشىنىپ كۆنگەن. مائارىپتىمۇ بالىلار مۇئەللىمنىڭكىنى، كىتابتا يېزىلغاننى توغرا؛ قالغىنى خاتا دەپ ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانىغا ئايلىنىپ قالغان ئەدەبىياتتىمۇ، ئىنسانلار، ھادىسىلەر ۋە پىكىرلەر «سەلبىيلىك» ۋە «ئىجابىيلىق» دەپ ئىككىلا نۇقتىدىن باھالىنىدۇ. ۋەتەن ۋە تۈركىيەنىڭ پىكىر ھاۋاسىدىكى بۇنداق ئوخشىماسلىق تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلىرى ئارىسىدىكى ئەۋلاد بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىدىيە توقۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ۋەتەندىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىبادەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ چەكلىمىسىز بەجا كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار، تۈركىيەدە دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭمۇ ھەر خىل بولۇشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي خېلىلا تەمتىرەيدۇ. بولۇپمۇ، ۋەتەندە ئىشىنىپ كەلگەن «ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان»، «ئەر كىشى يېرىم خۇدا»، «باشقا كەلگەن ھەر ئىش پىشانەڭدىن، ھەر كەلگۈلۈك تەقدىردىن»، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى، كۇفرىنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن»، «بۇ دۇنيادا ئازاپ تارتساڭ، ئۇ دۇنيادا راھەت كۆرىسەن»، «پېقىرلىق گۇناھتىن يىراق» دېگەنگە ئوخشاش دىن دېيىلىپ قالغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىدا بەزىلىرى قايىل، بەزىلىرى بىسەرەمجان بولىدۇ. ھەتتا، بەزىلىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىۋالغاننى ھەق دىن دەپ قاراپ پەرزەنتلىرىگە تېڭىشقا تىرىشىدۇ.

ئەۋلاد بوشلۇقى ھەرقانداق مىللەتتە ۋە ھەرقانداق دەۋردە يۈز بېرىدىغان ھادىسە. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا ئەۋلاد بوشلۇقىنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلاد بوشلۇقى باشتا بايان قىلغان  سەۋەبلەردىن باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زور. ئۇيغۇرلار خىتايدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تىل، مەدەنىيەت، نوپۇس، ئىقتىساد، دىن ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ دائىملىق ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەھرۇملۇق تۇيغۇسى بەكلا ئېغىر. شۇڭا، ۋەزىيەتتىكى قىسىلىشلارنى بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلادتىن، بىر توپ يەنە بىر توپتىن كۆرۈپ قاقشايدىغان خاھىش چوڭقۇر، كۈچلۈك ۋە يايغىن. ئۇيغۇرلار كىرىزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە بۇ كىرىزىسنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىشىغا مۇشۇ كۈنگىچە ئەتراپلىق تەپەككۇر، ئۈنۈملۈك تەييارلىق ۋە نەتىجىلىك تەدبىر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن مىللەت بولغاچقا، ئەۋلاد بوشلۇقىنى نورمال ئىجتىمائىي ھادىسە دەپ سىڭدۈرەلمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زورايغان تۈرلۈك ئىدىيەۋى مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەن سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە چوڭلار ئارىسىدىكى ئەۋلاد بوشلۇقى ۋەتەندىكى ئەۋلاد بوشلۇقى ۋە زىددىيىتىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى. شۇنداقلا تۈركىيەگە كۆچكەندىن كېيىن تىل، چۈشەنچە ۋە ئادەتلەرنىڭ پەرقلىنىشى سەۋەبلىك تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر