نامازنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى

ئىسلام ئەنئەنىسىدە، ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ مىراجى، يەنى ئۇلۇغ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ يولى، ئۇنىڭ ۋېسالىغا يېتىشنىڭ ۋەسىلىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ناماز ئەڭ مۇھىم ئىبادەت دەپ قارىلىدۇ.

545557
نامازنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇئا، ئىبادەت، ئەپۇ تىلەش ۋە يالۋۇرۇش مەنىسىگە ئىگە بولغان ناماز، ئەرەبچىدە «سالات» دېيىلىدۇ. دۇئا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئىگىلمەك، قۇللۇق قىلىش ۋە سۆز جەھەتتىن «رىشتە» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ئەنئەنىسىدە، ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ مىراجى، يەنى ئۇلۇغ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ يولى، ئۇنىڭ ۋېسالىغا يېتىشنىڭ ۋەسىلىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ناماز ئەڭ مۇھىم ئىبادەت دەپ قارىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى نامازغا تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىپ مۇراجىئەت قىلىشنىڭ مەنىۋى خۇشاللىقىنى ياشايدۇ. دۇنيانىڭ بارلىق ئارزۇ – ھەۋەسلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىدىن يىراقلىشىپ، روھى يۈكسېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ناماز بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھقا يۈزلىنىشىدىكى ئەڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچى ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە، نامازنىڭ «ئىقامە» قىلىپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر بىر بۆلۈملىرىنى چىن ئىخلاس بىلەن ئاقساتماستىن ئادا قىلىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا، ناماز مۇسۇلمان كىشىنىڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىسىدۇر. قۇرئاندا يەنە، ھەقىقىي مۆئمىنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى رەتكە تىزىلغاندا، مۇنداق دېيىلىدۇ:

«(شۇنداق مۆئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر[1].»، «ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر[2].»، «پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[3]

قۇرئاندا يەنە، نامازنى مۇھىم قاتاردا ھېسابلىمايدىغان ۋە ئۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلارنىڭ سۈپەتلىرىمۇ مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ، نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ[4]

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نامازنى «دىننىڭ تۈۋرۈكى» دەپ تەرىپلەيدۇ[5]. نامىرىنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇيدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، نامازغا تۇرغاندا دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ، ئاخىرەت ئالىمىگە چۆكۈپ كەتكەندەك ھالغا كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ[6]. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئوخشاش ناماز ئوقۇشقا تىرىشقان مۇسۇلمان كىشىنىڭ، بەدىنى، زېھنى ۋە قەلبى تەڭ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەدەن سايىسىدە نامازنىڭ قىيام، رۇكۇ، سەجدە ۋە قىرائەت قاتارلىق شەرتلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. زېھىن قىلىۋاتقان دۇئالارنى چۈشىنىشكە ۋە مەنىسىنى بىلىشكە ياردەم قىلىدۇ. قەلب بولسا، بۇ جەرياندا ھۆرمەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرى بىلەن تولىدۇ. بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئىبادەتنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋە سۈكۈت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك روللارنى ئوينايدۇ. دېمىسىمۇ، نامازنى «ئاللاھ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن ئادا قىلىش كېرەك. قىيام – ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشنى؛ رۇكۇ – پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىگىلىشنى؛ سەجدە – بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ناماز بارلىق ئىبادەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

نامازنىڭ تەئدىل ئەركان بىلەن ئادا بولۇشى ئۈچۈن، ئوقۇلغان نامازنىڭ ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىشتىن باشقا ھەرقانداق چۈشەنچە ۋە ئارزۇلاردىن يىراق بولۇشى شەرت. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ۋىدا نامىزىنى ئوقۇۋاتقانغا ئوخشاش ئوقۇشنى تەكىتلىگەن.

ئەزرائىلنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىنىنى ۋە نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جانىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلگەن بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ، نامىزىنى چىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇيدىغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەردائىم نامازنى «ۋىدا نامازى» غا ئوخشاش ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئېھسان ئېڭى بىلەن ئوقۇلغان ناماز، كۆڭۈلگە مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرىنى ئورنىتىپ، كىشىنى يامان ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچىلەردىن، سەلبىي ئىش – ھەرىكەتلەردىن ۋە يامانلىقلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىپ، يامانلىق قىلىشتىن توسىدۇ. بىر كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئويلايدىغان بەندە، ئۇنىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا غەيرەت قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ سۈرە ئەنكەبۇتنىڭ 45 – ئايىتىدە بۇ ھەقتە: «(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» دەيدۇ.

ناماز كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پاكلىنىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ. چۈنكى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن، ناماز ئوقۇلىدىغان جاي، كىشىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى ۋە بەدىنىنىڭ پاكىزە بولۇشى؛ تاھارەت ئېلىشى ۋەياكى كېرەك بولغاندا غۇسۇل قىلىشى كېرەك. ناماز كىشىنىڭ روھىنىمۇ ھەرخىل مەنىۋى كىرلەردىن پاكلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەركۈنى ئادا قىلىنىدىغان بەش ۋاقىت نامازنى، بىر كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاقىدىغان ئۆستەڭدە بەش قېتىم يۇيۇنۇشقا ئوخشىتىدۇ[7]. يەنە بىر ھەدىستە نامازنىڭ كىشىنى پاكلايدىغانلىقى مۇنداق ئىپادە قىلىنىدۇ:

«بىر مۇسۇلمان ۋاقتى كەلگەندە تاھارىتىنى مۇكەممەل ئېلىپ، ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىپ، پەرز نامىزىنى ئادا قىلغاندا – چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىگىچە – بۇ ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا كەفارەت بولىدۇ[8]

نامازنى ۋاقتىدا، ئۈزۈپ قويماي ئوقۇش، مۇسۇلمان كىشىنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئىنتىزامچان ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ناماز يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيالىق مەشغۇلاتلىرىغا، قىسقا ۋاقىت دەم ئېلىش بېرىپ، ئاللاھقا يۈزلەندۈرىدۇ ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەملككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ سۈرە بەقەرەنىڭ 153 – ئايىتىدە: «ئى مۆئمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دەيدۇ. بۇ ئايەت، نامازنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى چىدامچانلىقنى نامايان قىلىدىغان رولىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

نامازنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ساۋابىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر يانمۇ يان ۋە مۆرىنى مۆرىگە تەگكۈزۈپ سەپتە تۇرىدۇ. ناماز سايىسىدە بىر سەپتە يانمۇ يان تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا بىر – بىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرى كۈچىيىدۇ. جامائەت ئارىسىدىكى بۇ خىل مەنىۋى يېقىنلىشىش، ماددىي جەھەتتىن ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە زىچ ھەمكارلىشىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا تېخىمۇ كۆپ جامائەت توپى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، جامە – مەسچىتلەر ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش ماكانلىرىغا ئايلىنىدۇ.      

 

[1]  23 - سۈرە مۆئمىنۇن 2 - ئايەت

[2]23 – سۈرە مۆئمىنۇن 9 - ئايەت

[3]70 – سۈرە مائارىج 22 – 23 - ئايەتلەر

[4]107 – سۈرە مائۇن 4 – 6 - ئايەتلەر

[5]تىرمىزى، ئىمان 8 - بەت

[6]ئىبىن ماجە زۇھىد 15 - بەت

[7]بۇخارى، مەۋاكىت 6 – بەت؛ مۇسلىم، مەساجىد 282 - بەت

[8]مۇسلىم، تاھارەت 7 - بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر