تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆھبەت

تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆھبەت

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر) ئەنقەرە ۋاقتى 16:00 دا تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» نامىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيە ئايروپىلانلىرى جەيلانپىنار، تېل ئابياد رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى. كېچىدە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن رايونغا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

25-سېنتەبىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى نىيۇ يوركتا سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. ترامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا دېھقانلىرى ۋە تېرىقچىلىرىنىڭ زور غەلىبىسى دەپ ئاتىدى. ئۇ: «بۇ كېلىشىم ئامېرىكا-ياپونىيە سودىسىدىكى بىرىنچى قەدەم» دېدى.