كامېرلار ئېتىلىپ ياكى تېشىلىپ كېتىدىغان دەۋر تارىخقا ئايلىنىش ئالدىدا

كامېرلار ئېتىلىپ ياكى تېشىلىپ كېتىدىغان دەۋر تارىخقا ئايلىنىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ھەر پىروگراممىمىزدا تەكرارلاپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزدەك، ھايات گۈزەل، يېڭى شەيئىلەردىن ۋاقىپ بولۇشمۇ... دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 200 مىليون كامېر ئېتىلىپ كېتىدۇ. لېكىن، ئاپتوموبىل دۇنياسىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشلەر سايىسىدا، ئېتىلىپ كېتىدىغان كامېرلارمۇ تارىخقا ئايلىنىدۇ. «گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئېتىلىپ كېتىدىغان ئاپتوموبىل كامېرلىرىنىڭ تارىخقا ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.