ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى دېزىنفېكسىيە قىلىندى

ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى دېزىنفېكسىيە قىلىندى

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتى باشلاندى.

ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» خەۋىپىگە قارشى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە مىكروبسىزلاندۇرۇش خىزمىتى باشلانغان. بۇ دائىرىدە پايتەخت ئەنقەرەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە  مىكروبسىزلاندۇرۇش خىزمىتىگە مىنىبۇسلارمۇ داخىل قىلىنغان. جۈملىدىن، مىنىبۇسلارنىمۇ باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاشلا ھەر كۈنى «كەڭ دائىرىلىك ۋىرۇس يوقىتىش دېزىنفېكسىيە دورىسى» بىلەن ئىچكى - تاشقى مىكروبسىزلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەش يولغا قويۇلغان.


خەتكۈچ: ئەنقەرە , ۋۇخەن ۋىرۇسى , ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى , دېزىنفېكسىيە