ئەڭ خۇشال ياشلار ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە

ئەنگلىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەدىكى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ئاساس قىلغان «دۇنيا خۇشاللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.

2117865
ئەڭ خۇشال ياشلار ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئامېرىكاغا جايلاشقان گاللېپ (Gallup) مەسلىھەت بېرىش شىركىتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېت ۋېلبېيىڭ تەتقىقات مەركىزى ۋە ب د ت سىجىل تەرەققىيات ھەل قىلىش تورى، ئەنگلىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەدىكى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ئاساس قىلغان «دۇنيا خۇشاللىق دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ياشلارنىڭ بارغانسېرى خۇشال ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ياشلار بىلەن ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك، مائارىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مائارىپى ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان تۇرالغۇ مەسىلىسىمۇ ياشلارنىڭ خۇشاللىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارمۇ ياشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىشىدە ۋە ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ياشلار كۈندىن-كۈنگە خۇشال ئەمەس ئاتا-ئانىسىغا ئوخشىماقتا ئىكەن. ئۇلار چوڭلارغا ئوخشاش ھېرىش-چارچاشنى ۋە ئۇپىراشنى خالىمايدىكەن، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئاكادېمىك ۋە ئىلمىي جەھەتتە كاپالىتى يوق دەپ ئويلىسىمۇ، ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇمىغان ئۇنۋانى يوق كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

دوكلاتتا، فىنلاندىيەدە ياشلارنىڭ ئەڭ خۇشال ئىكەنلىكى، ياشلار ئەڭ خۇشال بولغان ئالدىنقى 10 دۆلەت تىزىملىكىدە تەرتىپ بويىچە دانىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئالدىنقى رەتتە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكانىڭ ياشلار ئەڭ خۇشال بولغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 23-، گېرمانىيەنىڭ 24-رەتتە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر