گوللاندىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندچە تەرجىمىسى تارقىتىلدى

گوللاندىيەدە ئىرقىي ئايرىمىچى ۋە ئاشقۇن ئوڭچى غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنسۆيەر ياۋروپالىقلار (PEGİDA) ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېدۋىن ۋاگېنسۋېلدنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئىنكاس سۈپىتىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندچە تەرجىمىسى تارقىتىلدى.

2100892
گوللاندىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندچە تەرجىمىسى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارنېم شەھىرىدىكى ئالتە جامە ۋەخپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئاشقۇن ئوڭچى ۋاگېنسۋېلدنىڭ 13-يانۋاردا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرمەكچى بولغان يانسپلېيىن مەيدانىدا «كۆيدۈرمەي ئوقۇغىن» نامىدا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى.

پائالىيەتتە مەيداندىن ئۆتكەنلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندچە تەرجىمىسى ھەدىيە بېرىلدى ۋە ئىسلامنى چۈشەندۈرگەن ۋەرەقچىلەر، تاتلىق تۈرۈملەر تارقىتىلدى.

ۋەتەنسۆيەر ياۋروپالىقلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاشقۇن ئوڭچى ۋاگېنسۋېلدنىڭ 13-يانۋار (2024) ئارنېم شەھىرىدىكى يانسپلېيىن مەيدانىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرمەكچى بولغانلارنى توسقان بىر گۇرۇپپا بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر