قېرىندىشى كۆپ بالىلارنىڭ روھىي مەسىلىلەرگە يولۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى

كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆپ روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

2088628
قېرىندىشى كۆپ بالىلارنىڭ روھىي مەسىلىلەرگە يولۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا نەشىر قىلىنىدىغان ھەپتىلىك ژۇرنال (The Week) دا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار خىتاي بىلەن ئامېرىكادىكى بالىلاردا قېرىنداش سانى ۋە روھىي ساغلاملىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەكشۈرگەن.

ئوتتۇرىچە يېشى 14 بولغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىلىنغان تەتقىقاتتا، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى توغرىسىدا بىر قاتار سوئاللارنى سورىغان. تەتقىقاتچىلار خىتاي بىلەن ئامېرىكادا قېرىندىشى بولمىغان ياكى بىر قېرىندىشى بولغان بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشى بولغانلارغا سېلىشتۇرغاندا روھىي ساغلاملىق جەھەتتە ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۈگەي قېرىندىشى بولغانلارنىڭ بولمىغانلارغا قارىغاندا روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە كۆپ يولۇقىدىغانلىقى كۆرۈلگەن.

تەتقىقاتتا، ياش پەرقى كىچىك بولغان قېرىنداشلاردىمۇ روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلگەن.

تەتقىقاتقا قاتناشقان دوكتور دوۋگ دوۋنېي تەتقىقات نەتىجىسى ؟ۈستىدە توختىلىپ: «ئاتا-ئانىلارنى بىر پارچە تورتقا ئوخشاتقىنىمىزدا، بىر بالا تورتنىڭ ھەممىسىگە (مېھرى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلىرى) ئېرىشىدۇ. ئەمما، قېرىندىشى كۆپ بولغاندا بۇلاردىن ئېرىشىدىغىنى ئاز بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر