يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ ئافغانىستاندىكى سۆھبەت يىغىنلىرى داۋام قىلماقتا
يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قىممەت قاراش تەربىيەسى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقىنى ئۆتكۈزدى.
2069653
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى كابۇل ئىشخانىسى ھەر ئايدا ئوخشىمىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قىممەت قاراش تەربىيەسى سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋاپادارلىق، مەسئۇلىيەت، ئۈمىد، مۇھەببەت-ھۆرمەت، بىرلىك – باراۋەرلىك، ئادالەت، ھەقىقەت، رەھىم-شەپقەت ۋە سەۋرچانلىق دېگەندەك تېمىلارنى چۆرىدەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان 10 بۆلۈملۈك يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ «سەۋرچانلىق» تېمىلىق 5 – بۆلۈمى كابۇل تەلىم - تەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۆز ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچىلىرى ۋە يازغۇچىلار لېكسىيە سۆزلىگەن سۆھبەت يىغىنىغا 100 ئەتراپىدا ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
يىغىن ئاخىرىدا، سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئان كەرىم سوۋغا قىلىندى.