«ت ر ت ۋورلد پۇقرالار ئىنسانپەرۋەرلىك كىنو فېستىۋالى» نىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت نىڭ «5-نۆۋەتلىك ت ر ت ۋورلد پۇقرالار ئىنسانپەرۋەرلىك كىنو فېستىۋالى» نىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى.

2060946
«ت ر ت ۋورلد پۇقرالار ئىنسانپەرۋەرلىك كىنو فېستىۋالى» نىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
undefined
altun trt humanitarian film fest..jpg
trt world citizen humanitarian film festivali.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ۋە ت ر ت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرى «5-نۆۋەتلىك ت ر ت ۋورلد پۇقرالار ئىنسانپەرۋەرلىك كىنو فېستىۋالى» دا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى تارقىتىپ بەردى.

ۋېنگىرىيەلىك ئارتىس ئاكوس كوۋاكس بىرىنچىلىك مۇكاپاتىنى، ئىرانلىق ئارتىس ئالىرىزا قازىمپۇر ئىككىنچىلىك مۇكاپاتىنى، كوسوۋۇلۇق ئارتىس سامىر قاراخودا ئۈچىنچىلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

فېستىۋالدا «كىلىمات» ۋە ت ر ت ئالاھىدە مۇكاپاتىمۇ تارقىتىلدى.

ت ر ت ئالاھىدە مۇكاپاتى غەززەگە بېرىلدى. پەلەستىنلىك رېژىسسور ئەھمەت سالىھقا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ مۇراسىمغا قاتنىشالمىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن: «بۇ فېستىېۋال ت ر ت نىڭ <ئۆزى سۆزى ئىنسان> دېگەن ئاڭ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان تارقىتىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى. پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسلار، يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئاچارچىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلىق پەيتلەردىن ئۆتكەن بۇ كۈنلەردە، دەرت-ئەلەم ۋە چارەسىزلىك بىلەن تەلمۈرۈۋاتقان مىليونلارچە كىشىگە، سەنئەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەن فېستىۋالنى ئىنتايىن قىممەتلىك ھېسابلايمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئىنسانىي نۇقتىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ت ر ت نىڭ بۇنىڭغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ت ر ت رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھەرىكەتلىرىنىڭ، زۇلۇم ۋە سىستېمىلىق قەتلىئامنى تەڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«يىللاردىن بۇيان <پەلەستىن مەسىلىسى> دېيىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنداق ئەمەس، مەسىلىنىڭ ئىسمى <ئىسىرائىلىيە مەسىلىسى> دۇر. پەقەت ئوتتۇرا شەرقلا، ياكى رايونىمىزلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا بۇ مەسىلىنى كۆرۈۋاتىدۇ.»

ت ر ت  باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى: «پەرياتلىرى ئاڭلانمىغان كىشىلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشقا مەجبۇرمىز. ت ر ت ۋورلد پۇقرالار ئىنسانپەرۋەرلىك كىنو فېستىۋالىنى، دۇنيانىڭ ۋىجدان ئاۋازى بولغان تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن ۋە دىققىتىنى ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن كىشىلەرنى دۆلىتىمىزدە كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز. بۇ يىلقى (2023) فېستىۋالغا، تۈركىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ھىندىستان، نىگېرىيە، قىرغىزىستان، پاكىستان، ۋېنگىرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن 370 فىلىم ئىلتىماس سۇندى» دېدى.

ئۇ غەززەدىكى تىراگېدىيەلەر ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىسىرائىلىيە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا قەتلىئام يۈرۈزمەكتە. كىچىك بالا، بوۋاق، ئايال، ئاغرىق دېمەستىن، دوختۇرخانىلارنى، مۇقەددەس ماكانلارنى، مەكتەپلەرنى، مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر