غايەت زور ساياھەت پاراخوتى مارمارىسقا يېتىپ كەلدى

باھاما بايرىقى ئېسىلغان «نورۋېگىيە قاشتېشى» ناملىق غايەت زور ساياھەت پاراخوتى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ھەيفا پورتى سەپىرىنى بىكار قىلىپ، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.

2049446
غايەت زور ساياھەت پاراخوتى مارمارىسقا يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، باھاما بايرىقى ئېسىلغان «نورۋېگىيە قاشتېشى» ناملىق غايەت زور ساياھەت پاراخوتى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەيفا شەھىرىگە قىلىدىغان سەپىرىنى بىكار قىلىپ، مارمارىس پورتىغا يېتىپ كەلگەن.

مارمارىس ساياھەت پاراخوتلىرى پورتىغا لەڭگەر تاشلىغان، ئۇزۇنلۇقى 294 مېتىر كېلىدىغان ساياھەت پاراخوتىدا 2600 يولۇچى ۋە 1022 خادىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكالىق ۋە كانادالىق ئىكەن.

تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، ساياھەتچىلەر شەھەر مەركىزى ۋە تارىخىي رايونلارنى زىيارەت قىلغان، مارىنادىكى رېستوران ۋە ئاشخانىلاردا تاماق يېگەن،  مارمارىس چوڭ بازىرىدا مال سېتىۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر