نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيى تۈركىيە-كولومبىيە پائالىيتىگە ساھىبخانلىق قىلدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە، تۈركىيە بىلەن كولومبىيە ئارىسىدىكى ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇناسىۋەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

2000580
نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيى تۈركىيە-كولومبىيە پائالىيتىگە ساھىبخانلىق قىلدى
turkevi.jpg
turkevi kolombiya kulturu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈركىيە-كولومبيە ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇناسىۋەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە، تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى تۇگاي شەن، مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق تۈركىيە-كولومبىيە ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى ساياھەت ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈردى.

كولومبىيەنىڭ نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئاندرېس مېجىيا پىزانو تۈركىيەنىڭ بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، پائالىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ۋە سودا ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا، تۈركىيە ۋە كولومبىيەنىڭ ساياھەت مەركەزلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلىرى سۇنۇلدى. كولومبىيەنىڭ ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

كولومبىيەنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىدا، بەش كىشىلىك ئۇسسۇل گۇرۇپپىسى يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسەتتى. داڭلىق ناخشچى ئالېيا پائالىيەتكە ئالاھىدە رەڭ قوشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر