ئايلار شاھى — رامىزان ئەتە باشلىنىدۇ

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ ئاي (رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان)نىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى رامىزان ئېيى ئەتە باشلىنىدۇ.

1963316
ئايلار شاھى — رامىزان ئەتە باشلىنىدۇ
ayasofya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ ئاي (رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان)نىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى رامىزاننىڭ تۇنجى تاراۋىھ نامىزى بۈگۈن كەچتە تۈركىيە مىقياسىدىكى بارلىق جامەلەردە ئادا قىلىنىدۇ. رامىزاننىڭ تۇنجى روزىسى ئەتە (پەيشەنبە كۈنى) سەھەردە تۇتۇلىدۇ. بۇ يىلقى رامىزان 29 كۈن داۋاملىشىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار باشقارمىسى بۇ يىلنىڭ رامىزان شوئارىنى «رامىزان ۋە ھەمكارلىق» دەپ بېكىتتى.

بارلىق مۇسۇلمانلار ھاياجان ئىچىدە كۈتۈۋاتقان مۇبارەك رامىزان ئۈچۈن جامەلەرمۇ تەييار؛ ئىستانبۇلنىڭ مەنىۋى مەركىزى ئاياسوفيا ۋە ئەييۇب سۇلتان جامەلىرىمۇ گۈل سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ، رامىزان ئۈچۈن تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رامىزاننىڭ تۇنجى ئىپتارىنى 6 – فېۋرال يەر تەۋرەشلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان قاھرامانماراشتا قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، بەھرەيىن، پەلەستىن، سۈرىيە، يەمەن، مىسىر، لىۋان، سۇدان، لىۋىيە، تۇنىس ۋە ئىران رامىزان ئېيىنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىيوردانىيە، ئومان، ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە ۋە ماراكەش بۈگۈن ھىلال ئاينى كۈزەتكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر