ئۆتمۈشتىكى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىلەر ئادەم مېڭىسىدە قانداق ساقلىنىدۇ؟

ئالىملار يىراق ئۆتمۈشتىكى قورقۇنچلۇق ۋە جاراھەت ئەسلىمىلىرىنىڭ «ئالدىنقى مېڭە» دە قانداق ساقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1924698
ئۆتمۈشتىكى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىلەر ئادەم مېڭىسىدە قانداق ساقلىنىدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نېرۋا ئىلمىي خەۋەرلىرى» نىڭ (Neuroscience News) خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ چاشقان ئۈستىدە قىلغان تەتقىقاتىدا، يىراق ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ئەسلىمىلەرنىڭ «ئالدى مېڭە» دەپ ئاتىلىدىغان پوستلاق قەۋىتىدىكى ئەستە ساقلاش نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدا «مەڭگۈلۈك» ساقلىنىدىغانلىقى بايقالغان.

بۇ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە مولېكۇلا بىئولوگىيەسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان پىروفېسسور جۈن-خيوڭ چو: «ئالدى مېڭە ئىچكى قىسمىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن تەدرىجىي كۈچىيىدۇ ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە مەڭگۈلۈك شەكىل ھاسىل قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بىز زەخىملەنگەن ۋاقىتتا ئاكتىپ بولغان ۋە زەخمىلىنىش ھادىسىسى ئېسىگە كەلگەندە قايتا قوزغىلىدىغان ئالدى مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى بىر گۇرۇپپا نېرۋا ھۈجەيرىسىنى ئېنىقلىدۇق» دېدى.

چاشقانلار ئۈستىدە قىلىنغان تەتقىقاتلاردا، بۇ بىر تۈركۈم نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائالىيىتى توختىتىلغاندا، قورقۇنچلۇق ئەسلىمىلەرنى ئېسىگە ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ تەتقىقات «تەبىئەت نېرۋا ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر