ئەرزۇرۇم جاغ كاۋىپى ئەڭ ياخشى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئارىسىغا كىردى
ساياھەت يېتەكچىسى تاست ئىتلاس (Tasteatlas) 2022-يىلدىكى ئەڭ ياخشى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
1924820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەت يېتەكچىسى تاست ئىتلاس پۈتكۈل دۇنيادىكى يېمەك-ئىچمەكلەرگە ئورۇن ئاجراتقان تاست ئىتلاس، تۈركىيەدىن ئەرزۇرۇمنىڭ جاغ كاۋىپىنى ئالدىنقى 10 رەتنىڭ ئىچىگە تىزدى. بۇنىڭ بىلەن، داڭقى دۇنياغا تارالغان جاغ كاۋىپى ئۇستىلىرىغا بولغان تەلەپمۇ كۆپەيدى.
جاغ كاۋىپى ئوغلاق ياكى پاخلان گۆشىدە پىشۇرۇلىدىغان كاۋاپنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، جاغ دەپ ئاتىلىدىغان زىخلارغا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن «جاغ كاۋىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەرزۇرۇم ئولتۇ ناھىيەسىنىڭ جاغ كاۋىپى مەشھۇر بولۇپ، دورا-دەرمەكلەر بىلەن ياخشى خۇيلانغان گۆش زىخقا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئوتقا قاقلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز.