نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى

بېلارۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالېس بىيالىياتسكى بىلەن رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى ئىككى ئىجتىمائىي تەشكىلات، 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1889966
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى نورۋېگىيە نوبېل ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلىندى. بېلارۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالېس بىيالىياتسكى، رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «مېمورىيال» ۋە ئۇكرائىنا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «پۇقرالار ئەركىنلىكى مەركىزى» گە (Center for Civil Liberties) نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، قوشنا دۆلەتلەر بولغان بېلارۇسىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتنىڭ «باج ئوغرىلاش» بىلەن قولغا ئېلىنغان ئالېس بىيالىياتسكىنى قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالېس بىيالىياتسكى دەسلەپتە 2011-يىلى باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 2014-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سايلام مەزگىلىدىكى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا قايتا قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر