بۈگۈن يۇپىتېر يەر شارىغا يېقىنلىشىدۇ

يۇپىتېر بۇ كېچە ئارىدىن 59 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەر شارىغا ئەڭ يېقىن جايدىن ئۆتىدۇ.

1884435
بۈگۈن يۇپىتېر يەر شارىغا يېقىنلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇياش سىستېمىسىنىڭ گازدىن تەركىب تاپقان ئەڭ چوڭ سەييارەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان يۇپىتېر، بۈگۈن (2022-يىلى 26-سېنتەبىر) يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ مەنزىرەنى كۆرمەكچى بولغانلار تېلېسكوپى بولماي تۇرۇپمۇ كۆرەلەيدۇ.

يۇپىتېر بۇ قېتىم قۇياش غەربتە پېتىۋاتقاندا، شەرق تەرەپتە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئەھۋال يۇپىتېرنى كەچ سائەتلەردە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۈگۈن بۇ مەنزىرەنى تاماشا قىلماقچى بولغانلار قۇياش پاتقاندىن كېيىن، شەرق ئۇپۇقىغا قارىغان ۋاقتىدا يۇپىتېرنى كۆرەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر