ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 يېرىم ئېيىدا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولغان ئانتالياغا چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىزى، دېڭىز ساھىللىرى، تەبىئىي مەنزىرىلىرى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن يىلنىڭ 12 ئېيىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئانتاليادىكى ساياھەت پائالىيەتلىرى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالىغا قايتىشقا باشلىدى.
ئالدىنقى يىلى تەخمىنەن 9 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بۇ شەھەر، بۇ يىل 1-يانۋاردىن 17-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا 8 مىليون 15 مىڭ 366 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
روسىيەنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى بۇ يىل گېرمانىيە ئىگىلىدى. گېرمانىيەدىن بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 250 ئېشىش بىلەن 1 مىليون 364 مىڭ ساياھەتچى كەلدى.
ھەر يىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان رۇسىيە بۇ يىل ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 13 ئېشىش بىلەن، رۇسىيەدىن بۇ يىل 1 مىليون 276 مىڭ ساياھەتچى ئانتالياغا كەلدى.
617 مىڭ 440 ساياھەتچى بىلەن ئەنگىلىيە رۇسىيەدىن كېيىنكى رەتكە تىزىلدى.
بۇ يىل ئانتالياغا پولشادىن 392 مىڭ 135 ساياھەتچى، گوللاندىيەدىن 236 مىڭ 115 ساياھەتچى كەلدى.